Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 2:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى بىر توپ ئادەملەر بىلەن بىللە ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەلگەندە، كىشمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 2:6
8 Referans Kwoze  

بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا بۇ غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. مەن يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا ئىككى سېۋەت ئەنجۈرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.


ئۆلۈمدىن ئامان قالغانلارنى ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. ئۇلار ئۇ يەردە تاكى پېرسىيە پادىشاھلىقى باش كۆتۈرگۈچە ئۇنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ قۇلى بولۇپ ياشىدى.


يىھوياقىم ۋاپات بولۇپ، ئوغلى يىھوياكىن تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يىھوياكىن، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، گەرچە سەن مېنىڭ ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، لېكىن مەن سېنى قولۇمدىن ئېلىپ تاشلايمەن.


كىشىلەر: ‹نېمىشقا يىھوياكىن دېگەن بۇ ئادەم خۇددى چېقىلىپ تاشلىۋېتىلگەن ئىدىشتەك كۈنگە قالىدۇ؟ ئۇ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى نېمە ئۈچۈن يات بىر زېمىنغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ؟› دەپ سورايدۇ.


يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن ئانىسى، مەسلىھەتچىلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بابىل پادىشاھىغا تەسلىم بولدى. بابىل پادىشاھى ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. بۇ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سەككىزىنچى يىلى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite