Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 2:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، خادىغا سانجىلدى. بۇ ۋەقە ئىمپېرىيەنىڭ تەزكىرىسىگە پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا يېزىپ قويۇلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 2:23
11 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى، بۈيۈك ئىش-ئىزلىرى ۋە موردىكاينى ئۆستۈرۈپ، مەرتىۋىگە ئىگە قىلغانلىقى مىدىيا ۋە پېرسىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسىگە يېزىلغاندۇر.


باش ناۋاينى ئۆلتۈرگۈزۈپ، جەسىتىنى خادىغا سانجىتىپ قويدى. بۇ ئىشلار دەل يۈسۈپنىڭ تەبىرىدەك بولۇپ چىقتى.


ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرئەۋن كاللىڭىزنى ئېلىپ، جەسىتىڭىزنى ياغاچقا سانجىپ قويىدىكەن، تېنىڭىز قاغا-قۇزغۇنلارغا يەم بولىدىكەن.


پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ نامىنى ھۆرمەتلىگۈچىلەرنىڭ ئىسمى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يازمىغا پۈتۈلدى.


شۇنىڭ بىلەن موردىكاي سانجىلماقچى بولغان خادىغا ھاموننىڭ ئۆزى سانجىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.


ئۇنىڭ ئايالى زەرەش ۋە ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا: _ سىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 25 مېتىر ئېگىزلىكتە بىر خادا تەييارلىتىڭ ۋە ئەتە ئەتىگەندە پادىشاھتىن موردىكاينى خادىغا سانجىشنى تەلەپ قىلىڭ. شۇنداق قىلغاندا، زىياپەتكە خۇشال-خۇرام بارىسىز، _ دەپ تەكلىپ بېرىشتى. ھامون بۇنى ياخشى مەسلىھەت دەپ بىلىپ، ئېگىز بىر خادا تەييارلاتتى.


يوشۇۋا ئاي پادىشاھىنىڭ جەسىتىنى گۇگۇم چۈشكۈچە دەرەخكە ئاستۇرۇپ قويدى. قۇياش پاتقاندا جەسەتنى دەرەختىن چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلىدى ۋە ئۈستىگە تاش دۆۋىلەپ قويدى. بۇ تاش دۆۋىسى شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا.


شۇ كۈنى كەچتە پادىشاھنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىگەچكە، ئىمپېرىيەنىڭ تەزكىرىسىنى ئالدۇرۇپ ئوقۇتتى.


ئالىيلىرىنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھلارنىڭ تەزكىرىلىرىنى ئىزدىنىپ بېقىشلىرىنى سورايمىز. شۇنداق بولغاندا، بۇ شەھەرنىڭ توپىلاڭغا تولغانلىقىنى، پادىشاھلارنى ۋە ئۆلكىلەرنى پاراكەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيدىلا. بۇ شەھەردە قەدىمدىن بېرى قوزغىلاڭ بولۇپ كەلگەن، شۇڭا شەھەر گۇمران قىلىنغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite