Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 2:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 پادىشاھنىڭ خاس خىزمەتكارلىرى پادىشاھقا: _ ئالىيلىرى، ئادەم ئەۋەتىپ، سىلى ئۈچۈن ياش ۋە چىرايلىق قىزلار تېپىپ كېلەيلى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 2:2
6 Referans Kwoze  

شۇڭا ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، بىز سىلىگە ئىپپەتلىك قىزدىن بىرنى تېپىپ ئەكېلەيلى. ئۇ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ھالىلىرىدىن خەۋەر ئالسۇن. سىلىنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ھەمراھ بولسۇن، _ دېدى.


ئۇلار سۆزلىشىپ تۇرغىنىدا، ئوردىنىڭ ھەرەمئاغىلىرى كېلىپ، ھاموننى ئەستىرنىڭ تەييارلىغان زىياپىتىگە بېرىشقا ئالدىراتتى.


كارشىنا، شېتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسىنا ۋە مىمۇكان قاتارلىق ئاقىللار ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئىدى. ئۇلار پېرسىيە ۋە مىدىيادىكى يەتتە ئالىي ئەمەلدار بولۇپ، پادىشاھ بىلەن دائىم كۆرۈشەلەيدىغان ۋە ئىمپېرىيەدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى.


كاتتا زىياپەتنىڭ يەتتىنچى كۈنى پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىدىغان يەتتە ھەرەمئاغىسىنى، يەنى مىھۇمان، بىزتا، خاربونا، بىغتا، ئاباغتا، زېتار، كەركەسلەرنى


ئىبرام مىسىرغا كىرگەن ۋاقتىدا، مىسىرلىقلار دەرۋەقە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى بايقىدى.


سۇزا قەلئەسىدىكى ھەرەمخانىغا ياش ۋە چىرايلىق قىزلارنى يىغىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە ئەمەلدارلار تەيىنلەيلى. قىزلار ھەرەمخانىغا مەسئۇل ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن ۋە ئۇلارنى پەرداز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيلى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite