19 قىزلار ئىككىنچى قېتىم ھەرەمخانىغا يىغىلغاندا، موردىكاي ئوردىدا مەنسەپكە ئېرىشكەنىدى.
موردىكاي ئوردىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئوردا دەرۋازىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىغتان ۋە تەرەش ئىسىملىك ئىككى ياساۋۇل بولۇپ، ئۇلار پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى ئويلاپ يۈرەتتى.
بىراق مەن قاچانلا ھېلىقى يەھۇدىي موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرسەم، بۇ ئىشلارنىڭ ماڭا ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، _ دېدى.
ھامون زىياپەتتىن كۆڭلى خۇش قايتتى. لېكىن ئۇ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىدە، موردىكاينىڭ ئۇ يەردە ئورنىدىن مىدىرلىماي ئولتۇرغىنىنى، ئۆزىدىن بىرئازمۇ ئەيمەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى.
ئۇنىڭدىن باشقا پادىشاھ نىبۇكادنەزەر دانىيالنىڭ ئىلتىماسى بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى بابىل ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى قىلىپ تەيىنلىدى. دانىيال يەنىلا پادىشاھنىڭ يېنىدا قالدى.