18 كەينىدىن پادىشاھ ھەممە ئالىي ئەمەلدارلىرى ۋە بەگلىرىگە ئەستىرنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بىر كاتتا زىياپەت بەردى. پۈتۈن ئۆلكىلەردە بايرام ئېلان قىلىندى ۋە سېخىيلىق بىلەن ھەدىيەلەر بېرىلدى.
ئاندىن، پەرىشتە ماڭا: - مۇنۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال: «قوزىنىڭ توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلار نەقەدەر بەختلىك!» - دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: - بۇلار خۇدانىڭ ھەقىقىي سۆزلىرىدۇر. - دېدى.
يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خۇشاللىققا چۆمۈپ، ھېيت-بايرام ئۆتكۈزىدۇ، بىر-بىرىگە ھەدىيىلەر ئەۋەتىشىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانلىرىغا تىكەندەك سانجىلىپ، ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنىدى.
- تەكلىپ بىلەن توي زىياپىتىگە قاتناشقان ۋاقتىڭىزدا، تۆرگە چىقىۋالماڭ. سىزدىنمۇ ھۆرمەتلىك بىر مېھمان چاقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن.
- ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى بىر پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۈچۈن تەييارلىغان توي زىياپىتىگە ئوخشايدۇ.
كىردىم ئۆز بېغىمغا، ئى مەھبۇبەم _ جېنىم سىڭلىم، يىغاي ئەمدى مۇرمەككى، تېتىتقۇلىرىمنى، ھەرە كۆنىكى بىلەن يەي ھەسىلىمنى، ئىچەي شاراب ۋە سۈتلىرىمنى. ئەي ئاشىقلار، يەڭلار تويغۇچە، مۇھەببەتتىن ئىچىڭلار قانغۇچە.
ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، چىقىپ قاراپ بېقىڭلار سۇلايمان پادىشاھقا! تۇرىدۇ ئۇ، تويى بولغان، كۆڭلى شادلانغان، ئانىسى ئۇنىڭغا تاجنى كىيدۈرگەن كۈنىدىكى قىياپەتتە.
بۇ كۈنلەر يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈنلەردۇر. بۇ ئاي يەھۇدىيلارنىڭ قايغۇلىرى شادلىققا، مۇڭ-زارلىرى خۇشاللىققا ئايلانغان ئايدۇر. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ بۇ كۈنلەردە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشىنى، بىر-بىرىگە، شۇنداقلا كەمبەغەللەرگە سوۋغا تەقدىم قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى.
شارابلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالتۇن قەدەھلەرگە قۇيۇلغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئوردىدىكى شارابلار مەردلەرچە تەمىنلەندى.
لاۋىيلار جامائەتنى تىنچلاندۇرۇپ: _ بۈگۈن مۇقەددەس كۈندۇر! قايغۇرۇشنى توختىتىڭلار! _ دېدى.
ئادەملىرىڭىزدىن سوراپ باقاسىڭىزلا، ئۇلار ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىزمۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەيمىز. بىز ھۇزۇرىڭىزغا بايرام كۈنلىرى يېتىپ كەلدۇق. بىز خىزمەتكارلىرىڭىزغا، شۇنداقلا ئوغلىڭىز داۋۇتقا قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم كۆرسەتكەيسىز».
شۇنىڭ بىلەن لابان توي زىياپىتى تەييارلاپ، شۇ يەردىكى ھەممە كىشىلەرنى تەكلىپ قىلدى.
ھىرودىيە كۈتكەن پۇرسەت ئاخىر يېتىپ كەلدى. ھىرود ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلار، قوماندانلار ۋە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى يۇرت كاتتىلىرىنى كۈتۈۋالدى.