Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 2:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 پادىشاھ ئەستىرنى بارلىق ئاياللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆردى. پادىشاھ ئۇنىڭغا باشقا قىزلاردىن بەكرەك ئامراق بولغاچقا، ئۇنىڭ بېشىغا خانىشلىق تاجىنى تاقاپ، ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 2:17
10 Referans Kwoze  

دالادىكى ھەممە دەرەخلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئېگىز دەرەخلەرنى پاكار، پاكار دەرەخلەرنى ئېگىز قىلالايدىغانلىقىمنى، ياشىرىپ تۇرغان دەرەخلەرنى قۇرۇتۇپ، قۇرۇپ قالغان دەرەخلەرنى كۆكلىتىدىغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. بۇنى مەنكى پەرۋەردىگار ئېيتتىم، مەن دېگىنىمنى قىلىمەن.»


ئەگەر سەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا يەنىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋەرسەڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا جايدىن ياردەم كېلىپ، ئۇلار قۇتۇلۇپ قالىدۇ. لېكىن سەن پۈتۈن جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىسەن. كىم بىلىدۇ، بەلكىم سەن مۇشۇ ۋاقىتلار ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەندۇرسەن؟


خانىش ۋاشتىغا خانىشلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ، ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىشلىرىنى بۇيرۇدى. خانىش ئىنتايىن چىرايلىق ئايال بولغاچقا، پادىشاھ ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بارلىق زىياپەت ئەھلىگە ئۇنىڭ گۈزەل جامالىنى كۆز-كۆز قىلماقچىدى.


ئۇ قۇتقۇزار يوقسۇللارنى يوقسۇللۇق توزانىدىن، ئېلىپ چىقار ئۇ موھتاجلارنى موھتاجلىق ئەۋرىزىدىن. ئولتۇرغۇزار ئۇلارنى شاھزادىلەر قېشىغا، ھەتتا مۇيەسسەر قىلار ئۇلارنى شان-شۆھرەت ئورنىغا. چۈنكى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر زېمىننىڭ ئۇللىرى، ئۇ قويغاندۇر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى.


شۇنداق قىلىپ، ئاخاشۋېروش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى 10-ئايدا، يەنى تەبەت ئېيىدا ئەستىر پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ئوردىسىغا كەلتۈرۈلدى.


پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر پادىشاھنىڭ كۆڭلى، باشلار ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئېرىق سۇيىدەك ئۇنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite