Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 2:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 شۇنداق قىلىپ، ئاخاشۋېروش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى 10-ئايدا، يەنى تەبەت ئېيىدا ئەستىر پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ئوردىسىغا كەلتۈرۈلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 2:16
7 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن 3-ئاينىڭ، يەنى سىۋان ئېيىنىڭ 23-كۈنى پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىلىرى چاقىرتىلدى. ئۇلار ھىندىستاندىن كۇشقىچە بولغان ئىمپېرىيەگە قاراشلىق 127 ئۆلكىدىكى رەئىسلەر، بەگلەر ۋە ئەمەلدارلارغا يەھۇدىيلار ھەققىدە موردىكاينىڭ بۇيرۇغىنىدەك پەرمان يېزىشتى. پەرمان ھەربىر ئۆلكىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ تىل-يېزىقىدا يېزىلدى.


سۇزا قەلئەسىدىكى ھەرەمخانىغا ياش ۋە چىرايلىق قىزلارنى يىغىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە ئەمەلدارلار تەيىنلەيلى. قىزلار ھەرەمخانىغا مەسئۇل ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن ۋە ئۇلارنى پەرداز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيلى.


پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ غەزىپى قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ۋاشتىنى ۋە ئۇنىڭ قىلمىشىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆزى چىقارغان يارلىقىنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.


ئۇلار پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى بابىلدىن يولغا چىقتى. خۇدا ئەزراغا يار-يۆلەك بولدى. ئۇلار 5-ئاينىڭ 1-كۈنى يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى.


نۆۋەت ئابىخايىلنىڭ قىزى، يەنى موردىكاي بېقىۋالغان نەۋرە سىڭلىسى ئەستىرگە كەلگەندە، ھەرەمئاغىسى ھېگاي ئۇنىڭغا نېمىنى ئېلىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن بولسا، ئۇ شۇنى ئالدى ۋە باشقا ھېچ نەرسە سورىمىدى. ئەستىرنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى.


پادىشاھ ئەستىرنى بارلىق ئاياللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆردى. پادىشاھ ئۇنىڭغا باشقا قىزلاردىن بەكرەك ئامراق بولغاچقا، ئۇنىڭ بېشىغا خانىشلىق تاجىنى تاقاپ، ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلدى.


نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندا، يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنىڭ رەقىبلىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ مەكتۇپ سۇندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite