Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 2:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 كەچقۇرۇن پادىشاھ ھۇزۇرىغا كىرگەن قىز ئەتىسى ئەتىگەندە ئوردىدىكى يەنە بىر ھەرەمخانىغا ئەۋەتىلىپ، توقاللارنى باشقۇرىدىغان ھەرەمئاغىسى شائاشغازغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلەتتى. پەقەت پادىشاھقا ياققان ۋە ئىسمى ئاتالغان قىزلا قايتىدىن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرەلەيتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 2:14
8 Referans Kwoze  

مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا كىرسە، چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. بۇ قانۇننى پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئەمەلدارلىرى ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خەلق بىلىدۇ. پەقەت بىرلا ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. ئەگەر پادىشاھ چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا ھۇزۇرىغا كىرگەن ئادەمگە سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتسا، ئۇ ئادەم ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ. مېنى پادىشاھ ھۇزۇرىگغا چاقىرتمىغىلى بىر ئاي بولدى، _ دېدى.


گەرچە سەن مېنى تونۇمىساڭمۇ، مەن سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىمەن. ساڭا كاتتا شۆھرەتلىك نام بېرىمەن. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم: خىزمەتكارىم ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى مەن تاللىغان ئىسرائىللار ئۈچۈندۇر.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار، ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قورقماڭلار، مەن سىلەرنى قوغدايمەن. مەن سىلەرنى ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان، سىلەر ماڭا تەئەللۇق.


ئەگەر كېيىن ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، ئەركىنلىككە چىقىرىڭلار. ئۇلارنى سېتىشقا، قۇل قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار مەجبۇرىي نىكاھىڭلارغا ئېلىنغاندۇر.


شەكەم ياقۇپنىڭ قىزى دىناغا كۆيۈپ قالغاچقا، خەتنە قىلدۇرۇشقا ئالدىرىدى. ئۇ ئائىلىسىدە ئاتىسىدىن قالسىلا ئەڭ ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدى.


قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە، ھەرەمخانىدىن ئوردىغا نېمىنى ئېلىپ كېتىشنى خالىسا، ئۇنىڭغا شۇ نەرسىلەر بېرىلەتتى.


نۆۋەت ئابىخايىلنىڭ قىزى، يەنى موردىكاي بېقىۋالغان نەۋرە سىڭلىسى ئەستىرگە كەلگەندە، ھەرەمئاغىسى ھېگاي ئۇنىڭغا نېمىنى ئېلىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن بولسا، ئۇ شۇنى ئالدى ۋە باشقا ھېچ نەرسە سورىمىدى. ئەستىرنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite