13 قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە، ھەرەمخانىدىن ئوردىغا نېمىنى ئېلىپ كېتىشنى خالىسا، ئۇنىڭغا شۇ نەرسىلەر بېرىلەتتى.
رەسمىيەت بويىچە ھەربىر ياش قىز پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىش ئۈچۈن ئون ئىككى ئاي، يەنى ئالتە ئاي مۇرمەككى يېغى بىلەن، ئالتە ئاي خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار ۋە مايلار بىلەن پەرداز قىلىنىشى كېرەك ئىدى.
كەچقۇرۇن پادىشاھ ھۇزۇرىغا كىرگەن قىز ئەتىسى ئەتىگەندە ئوردىدىكى يەنە بىر ھەرەمخانىغا ئەۋەتىلىپ، توقاللارنى باشقۇرىدىغان ھەرەمئاغىسى شائاشغازغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلەتتى. پەقەت پادىشاھقا ياققان ۋە ئىسمى ئاتالغان قىزلا قايتىدىن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرەلەيتتى.
موردىكاي ئەستىرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ھەرەمخانا ھويلىسىنىڭ ئەتراپىدا مېڭىپ يۈردى.