Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 2:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 رەسمىيەت بويىچە ھەربىر ياش قىز پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىش ئۈچۈن ئون ئىككى ئاي، يەنى ئالتە ئاي مۇرمەككى يېغى بىلەن، ئالتە ئاي خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار ۋە مايلار بىلەن پەرداز قىلىنىشى كېرەك ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 2:12
10 Referans Kwoze  

سىلەر نۇرغۇن ئەتىر ۋە زەيتۇن مېيىنى ئېلىپ، مولەك ئىلاھىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردىڭلار، سىلەر: ‹باشقا ئىلاھلارنى تاپايلى› دەپ، يىراقلارغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتىڭلار، مۇمكىن بولسا ئۇلار ھەتتا باقىي دۇنياغىمۇ باراتتى.


ئورۇن-كۆرپىلىرىمگە مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە دارچىنلار چاچتىم.


كىم ئۇ چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان چاڭ توزۇتۇپ، مۇرمەككى ۋە مەستىكى رۇمىنىڭ ھىدىنى پۇرىتىپ، ئىپار-ئەنبەر كاراۋىنىنىڭ خۇش ھىدىنى تارقىتىپ؟


سۇزا قەلئەسىدىكى ھەرەمخانىغا ياش ۋە چىرايلىق قىزلارنى يىغىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە ئەمەلدارلار تەيىنلەيلى. قىزلار ھەرەمخانىغا مەسئۇل ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن ۋە ئۇلارنى پەرداز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيلى.


ئەستىر ھېگايغا ياقتى. ھېگاي ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ، دەرھال ئۇنى پەرداز مۇلازىمىتى ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداقلا ئۇ ئوردىدىن يەتتە كېنىزەكنى ئەستىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللاپ، ئەستىر ۋە يەتتە كېنىزەككە ھەرەمخانىدىن ئەڭ ياخشى جاينى بەردى.


موردىكاي ئەستىرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ھەرەمخانا ھويلىسىنىڭ ئەتراپىدا مېڭىپ يۈردى.


قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە، ھەرەمخانىدىن ئوردىغا نېمىنى ئېلىپ كېتىشنى خالىسا، ئۇنىڭغا شۇ نەرسىلەر بېرىلەتتى.


خۇشبۇي پۇراقلارنىڭ ئورنىغا سېسىق پۇراق ئالمىشىدۇ، كەمەر ئورنىغا ئارغامچا ئىشلىتىلىدۇ، قويۇق چاچ ئورنىغا تاقىر باش ئالمىشىدۇ، ئېسىل لىباس ئورنىغا ماتەملىك كىيىم كىيىدۇ، گۈزەللىك ئورنىنى شەرمەندىچىلىك ئالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite