ئەستىر 2:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 ئەستىر ئۆز خەلقى ۋە ئۇرۇق-ئەجدادى ھەققىدە ھېچكىمگە ھېچنېمە ئېيتمىدى، چۈنكى موردىكاي ئۇنىڭغا بۇ توغرىسىدا ئېغىز ئاچماسلىقنى بۇيرۇغانىدى. Gade chapit la |
ئاندىن ھامون پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا: _ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە چېچىلىپ كەتكەن، ئۆز ئالدىغا ياشايدىغان بىر خەلق بار. ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى باشقا خەلقلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىمپېرىيەمىزنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئىمپېرىيەمىزنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىسىزدۇر.