1 پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ غەزىپى قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ۋاشتىنى ۋە ئۇنىڭ قىلمىشىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆزى چىقارغان يارلىقىنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.
شۇنىڭ بىلەن موردىكاي سانجىلماقچى بولغان خادىغا ھاموننىڭ ئۆزى سانجىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.
نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندا، يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنىڭ رەقىبلىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ مەكتۇپ سۇندى.