ئەستىر 1:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 ئوردا گۈللۈكى ئاق ۋە كۆك رەڭلىك پاختا رەختتىن تىكىلگەن پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ پەردىلەر مەرمەر تاش تۈۋرۈكلەردىكى كۈمۈش ھالقىلارغا سۆسۈن رەڭلىك ئېسىل زىغىر رەخت بىلەن چىگىلگەنىدى. گىرانىت تاش، مەرمەر تاش، سەدەپ ۋە تۈرلۈك رەڭلىك تاشلار ياتقۇزۇلغان يەرنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان يۆلەنچۈكلۈك ئۇزۇن ئورۇندۇقلار قويۇلغانىدى. Gade chapit la |
پادىشاھ ئوردا گۈللۈكىدىن زىياپەتخانىغا قايتىپ كىرگىنىدە، ھامون خانىش ئەستىر يانپاشلاپ ياتقان يېرىدە ئۆزىنى تاشلاپ ياتاتتى. پادىشاھ: _ سەن ئوردامدا كۆز ئالدىمدا خانىشىمغا ئەدەپسىزلىك قىلىۋاتامسەن؟ _ دەپ ۋارقىرىدى. پادىشاھنىڭ شۇنداق دېيىشى بىلەنلا ھەرەمئاغىلىرى ھاموننىڭ باش-كۆزىنى چۈمكەپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تەييار بولدى.