21 پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى بۇ پىكىرنى توغرا تاپتى، شۇڭا پادىشاھ مىمۇكاننىڭ تەكلىپى بويىچە ئىش كۆردى.
ئاندىن ئۆزلىرىگە ياققان قىز ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش بولسۇن، _ دەپ تەكلىپ بەردى. بۇ تەكلىپ پادىشاھقا ياققاچقا، ئۇ شۇنداق قىلدى.
پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى يۈسۈپنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى.
ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاشتى خانىش پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىسۇن، دەپ ئەمر چۈشۈرگەيلا ۋە بۇ ئەمرنى يازدۇرۇپ، پېرسىيە بىلەن مىدىيانىڭ قانۇنىغا ئۆزگەرمەس قىلىپ كىرگۈزگەيلا ۋە ئالىيلىرى ئۇنىڭ خانىشلىق ئورنىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرسىگە بەرگەيلا.
سىلىنىڭ ئەمرلىرى كاتتا ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە جايلىرىغا جاكارلانغاندىن كېيىن، ھەممە ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ بار-يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ، _ دېدى.
پادىشاھ ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە جايلىرىغا: «ھەربىر ئەر ئۆز ئائىلىسىنىڭ خوجايىنىدۇر» دەپ ھۆكۈم چۈشۈردى.