Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 1:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاشتى خانىش پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىسۇن، دەپ ئەمر چۈشۈرگەيلا ۋە بۇ ئەمرنى يازدۇرۇپ، پېرسىيە بىلەن مىدىيانىڭ قانۇنىغا ئۆزگەرمەس قىلىپ كىرگۈزگەيلا ۋە ئالىيلىرى ئۇنىڭ خانىشلىق ئورنىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرسىگە بەرگەيلا.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 1:19
10 Referans Kwoze  

ئەمدى سىلەر يەھۇدىيلار ھەققىدە مېنىڭ نامىمدا خالىغىنىڭلارچە پەرمان يېزىپ، مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈم بىلەن مۆھۈرلەڭلار. شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلىپ، پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلەنگەن ھەرقانداق پەرمان بىكار قىلىنمايدۇ.


سامۇئىل سائۇلغا: _ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن تارتىۋېلىپ، ئۇنى سەندىن ياخشىراق بىرسىگە بەردى.


_ ئەگەر ئالىيلىرى مەندىن رازى ۋە مەمنۇن بولۇپ، ماڭا ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا ۋە توغرا كۆرسىلە، بىر ئەمر چۈشۈرۈپ، ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاموننىڭ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن پەرمانلىرىنى بىكار قىلغايلا.


ئورەكنىڭ ئېغىزى قورام تاش بىلەن ئېتىپ قويۇلدى. پادىشاھ ھېچكىمنىڭ دانىيالنى قۇتقۇزۇۋالماسلىقى ئۈچۈن قورام تاشقا ئۆزىنىڭ مۆھۈرىنى باستى ۋە ئەمەلدارلىرىمۇ مۆھۈرلىرىنى بېسىشتى.


ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرگەيلا. مەن ئىمپېرىيەمىزنىڭ خەزىنىسىگە 345 مىڭ كىلو كۈمۈش تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن، _ دەپ مەلۇم قىلدى.


پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ بۇ ئەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئاشتى. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۇلايمانغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئەقىل-پاراسەت بەرگەنلىكىنى بىلدى.


پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى بۇ پىكىرنى توغرا تاپتى، شۇڭا پادىشاھ مىمۇكاننىڭ تەكلىپى بويىچە ئىش كۆردى.


پېرسىيە ۋە مىدىيادىكى ئەمەلدارلارنىڭ خانىملىرى خانىشنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلىغان ھامان ئەرلىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئائىلىدە مەنسىتمەسلىك ۋە خاپىلىق كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.


پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ غەزىپى قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ۋاشتىنى ۋە ئۇنىڭ قىلمىشىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆزى چىقارغان يارلىقىنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite