18 پېرسىيە ۋە مىدىيادىكى ئەمەلدارلارنىڭ خانىملىرى خانىشنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلىغان ھامان ئەرلىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئائىلىدە مەنسىتمەسلىك ۋە خاپىلىق كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.
پادىشاھ سۇلايماننىڭ 700 خوتۇنى، 300 توقىلى بار ئىدى. بۇ ئاياللار سۇلايماننىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگاردىن يىراقلاشتۇردى.
ئاڭلاپ چېچەن كېنىزەكلىرىنىڭ جاۋابىنى، ئۆز-ئۆزىگە دېدى ئۇ مۇنداق:
ئەگەر خانىشنىڭ قىلغان بويۇنتاۋلىقى ئىمپېرىيەمىزدىكى ھەممە ئاياللارنىڭ ئارىسىغا تارقالسا، ئاياللارنىڭ ئۆز ئەرلىرىنى كۆزىگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇلار: «پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ۋاشتىنى ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلغانىكەن، ئەمما ئۇ بېرىشنى رەت قىلىپتۇ» دېيىشىدۇ.
ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاشتى خانىش پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىسۇن، دەپ ئەمر چۈشۈرگەيلا ۋە بۇ ئەمرنى يازدۇرۇپ، پېرسىيە بىلەن مىدىيانىڭ قانۇنىغا ئۆزگەرمەس قىلىپ كىرگۈزگەيلا ۋە ئالىيلىرى ئۇنىڭ خانىشلىق ئورنىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرسىگە بەرگەيلا.