Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 1:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئەگەر خانىشنىڭ قىلغان بويۇنتاۋلىقى ئىمپېرىيەمىزدىكى ھەممە ئاياللارنىڭ ئارىسىغا تارقالسا، ئاياللارنىڭ ئۆز ئەرلىرىنى كۆزىگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇلار: «پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ۋاشتىنى ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلغانىكەن، ئەمما ئۇ بېرىشنى رەت قىلىپتۇ» دېيىشىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 1:17
5 Referans Kwoze  

يەنە بىر قېتىم شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ھەممىڭلار ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى ھۆرمەتلىسۇن.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە كىرگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن پادىشاھ داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەكرەپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى.


نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندا، يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنىڭ رەقىبلىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ مەكتۇپ سۇندى.


مىمۇكان بۇنىڭغا جاۋابەن پادىشاھ ۋە باشقا ئالىي ئەمەلدارلارغا مۇنداق دېدى: _ خانىش ۋاشتى پەقەت پادىشاھنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى پادىشاھنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئالدىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپتۇ!


پېرسىيە ۋە مىدىيادىكى ئەمەلدارلارنىڭ خانىملىرى خانىشنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلىغان ھامان ئەرلىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئائىلىدە مەنسىتمەسلىك ۋە خاپىلىق كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite