Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەستىر 1:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1-2 تۆۋەندىكى ۋەقە پادىشاھ ئاخاشۋېروش زامانىدا يۈز بەرگەن. ئاخاشۋېروش سۇزا قەلئەسىدىكى تەختىدە ئولتۇرۇپ، ھىندىستاندىن كۇشقىچە بولغان 127 ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەستىر 1:1
10 Referans Kwoze  

مىدىيالىق ئاخاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئوس بابىلغا پادىشاھ بولدى.


شۇنىڭ بىلەن 3-ئاينىڭ، يەنى سىۋان ئېيىنىڭ 23-كۈنى پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىلىرى چاقىرتىلدى. ئۇلار ھىندىستاندىن كۇشقىچە بولغان ئىمپېرىيەگە قاراشلىق 127 ئۆلكىدىكى رەئىسلەر، بەگلەر ۋە ئەمەلدارلارغا يەھۇدىيلار ھەققىدە موردىكاينىڭ بۇيرۇغىنىدەك پەرمان يېزىشتى. پەرمان ھەربىر ئۆلكىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ تىل-يېزىقىدا يېزىلدى.


پادىشاھ دارىئوس 120 نەپەر ئۆلكە باشلىقىنى تەيىنلەپ، پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىشنى قارار قىلدى.


بۇ پەرمان پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق 127 ئۆلكىدىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارغا مەكتۇپ بىلەن بىرگە يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەكتۇپتا يەھۇدىيلارغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلەنگەنىدى.


نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندا، يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنىڭ رەقىبلىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ مەكتۇپ سۇندى.


بۇ چاغدا پادىشاھ سانخېرىب ئېفىيوپىيە پادىشاھى تىرھاقانىڭ ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پادىشاھ خىزكىياغا يەنە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:


نىل دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە _ ھاشاراتلار قاناتلىرىنى ئۆرۈپ غوڭۇلدايدىغان يەردە ياشايدىغان ئېفىيوپىيەلىكلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!


سۇزا قەلئەسىدىكى ھەرەمخانىغا ياش ۋە چىرايلىق قىزلارنى يىغىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە ئەمەلدارلار تەيىنلەيلى. قىزلار ھەرەمخانىغا مەسئۇل ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن ۋە ئۇلارنى پەرداز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيلى.


پادىشاھ ئاخاشۋېروش ئۆز ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ يىراق يەرلىرى بولغان ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىنمۇ ئالۋان-سېلىق ئالاتتى.


پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقىي بولىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي. پېرسىيە پادىشاھلىقىغا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ باشقا پادىشاھلارغا قارىغاندا ناھايىتى دۆلەتمەن بولىدۇ. ئۇ كۈچىيىپ، قۇدرەت تاپقاندا، پۈتۈن خەلقنى يۇنان پادىشاھلىقىغا قارشى جەڭ قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite