7 خوجايىنىڭلارغا رازىمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. ئۇنى ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈن قىلغاندەك قىلىڭلار.
ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، جان-دىل بىلەن قىلىڭلار. بۇنى ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، رەببىمىز ئۈچۈن قىلغاندەك قىلىڭلار.
مۇھىمى، نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلار، قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار.
خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: _ بېگىم، پەيغەمبەر ئۆزلىرىگە باشقا بىر چوڭ ئىشنى تاپىلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلغان بولاتتىلا. ھالبۇكى ئۇنىڭ سىلىگە: «يۇيۇنۇپ پاكلان» دېگىنى ئاسان بىر ئىشقۇ؟ _ دېدى.
سىلەرگە مەلۇمكى، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتاڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم.
خۇداغا شۈكۈر! گەرچە سىلەر بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى بولغان بولساڭلارمۇ، لېكىن ھازىر گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەركىن قىلىنىپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇللىرى بولدۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە بەرگەن تەلىمگە چىن دىلىڭلاردىن بويسۇندۇڭلار.