ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 6:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 ئەي قۇللار، بۇ دۇنيادىكى خوجايىنلىرىڭلارغا خۇددى ئەيسا مەسىھكە بويسۇنغاندەك چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چىن قەلب بىلەن بويسۇنۇڭلار. Gade chapit la |
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى ماڭا بولغان ھۆرمەت؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىك؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.
ئەمدى سەن ئۇنى قۇل قاتارىدا ئەمەس، بەلكى قۇلدىن كۆپ ئۈستۈن - سۆيۈملۈك بىر ئېتىقادچى قېرىندىشىڭ قاتارىدا كۆرەرسەن. ئۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قەدىرلىكتۇر. سەن ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. چۈنكى، سېنىڭ ھازىر ئۇنىڭ بىلەن قۇل-خوجايىنلىق مۇناسىۋىتىڭ بولۇپلا قالماي، رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلىش جەھەتتە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىڭمۇ باردۇر.