Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 6:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بۇ ۋەدە شۇكى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلساڭلار، «بەختلىك بولىسىلەر ۋە بۇ دۇنيادا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.»

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 6:3
15 Referans Kwoze  

مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغاندەك، ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، بەختلىك ياشايسىلەر.


مەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا ئۇزۇن ياشىيالايسىلەر.


مېنىڭ دېگەنلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجرا قىلساڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئىشلىرىمۇ مەڭگۈ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى ۋە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدىڭلار.


قاننى يېمەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولىسىلەر. ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئىشلىرىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.


ئەي ئىسرائىللار ئاڭلاڭلار، كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندا ئىشلىرىڭلار راۋان بولىدۇ، خەلقىڭلار كۆپىيىدۇ. بۇنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ۋەدە قىلغاندۇر.


ناۋادا ئېلىپ كەتسەڭلار، باچكىسىنى ئېلىپ قېلىپ، قۇشنى قويۇۋېتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئىشلىرىڭلار راۋان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.


بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ساڭا ئېيتقىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز. بىز سىزنى خۇدادىن شۇنى سوراشقا ئەۋەتىمىزكى، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ياخشى كۆرەيلى ياكى كۆرمەيلى، ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە بويسۇنىمىز، _ دېدى.


ھەققانىيلارغا ئېيتقىن، ئۇلار ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىش-ھەرىكىتىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ.


بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، نائومى كېلىنى رۇتقا: _ ھەي قىزىم، مەن ساڭا باشپاناھ بولىدىغان بىر ئەر تاپاي، سەن ئەمدى ئۆي-ئوچاقلىق بولغىن.


پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە ياخشى بولغان ئىشلارنى قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەممە ئىشىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان گۈزەل زېمىنغا ئىگە بولىسىلەر.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغان يول بويىچە مېڭىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا گۈللىنىسىلەر.


ئۆي سالماڭلار، زىرائەت تېرىماڭلار، ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلماڭلار ياكى ئۇلارنى مۈلۈك قىلىپ ئالماڭلار. ئۆمۈر بويى چېدىردا تۇرۇڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتقان بۇ زېمىندا ئۇزۇن ۋاقىت ياشىيالايسىلەر.» دېگەنىدى.


مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزنى ئادا قىلىڭلار. بۇ، خۇدانىڭ بىر ۋەدە بىلەن باغلاپ بەرگەن دەسلەپكى پەرزىدۇر.


ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماڭلار. ئۇلارنى رەببىمىزنىڭ تەلىمى بويىچە تەربىيىلەڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite