Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 6:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 مەن بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىش سەۋەبىدىن كىشەنلەنگەن ئەلچىمەن. مېنىڭ خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن دۇئا قىلغايسىلەر. چۈنكى، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمدۇر.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 6:20
31 Referans Kwoze  

شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن سىلەرنى شۇنىڭغا ئۈندەيمىزكى، خۇدا بىلەن يارىشىڭلار. بەجايىكى، بۇ خۇدانىڭ بىز ئارقىلىق سىلەرنى مۇراجىئەت قىلغىنىدۇر.


مېنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى قولۇمدىن كېلىشچە ئېنىق چۈشەندۈرۈشۈم ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار.


بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىمدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكتىم. ھەتتا جىنايەتچىلەردەك كىشەنلىنىپ، زىندانغا تاشلاندىم. لېكىن، ھېچكىم خۇدانىڭ سۆزىنى كىشەنلىيەلمەيدۇ.


مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىم. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەرنى قوغداپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار.


پاۋلۇس: - مەيلى بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ۋە بۈگۈن مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماڭا ئوخشاش ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. پەقەتلا ماڭا ئوخشاش، زەنجىردە بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن! - دېدى.


بىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن بىلەلەيمىز. شۇڭا، بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك.


رەببىمىز ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت قىلغاي. چۈنكى، ئۇ كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ، كۆڭلۈمنى كۆتۈردى. ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن نومۇس قىلمىدى.


سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، بىز قېشىڭلارغا بېرىشتىن ئىلگىرى فىلىپى شەھىرىدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردە ئازاب چەكتۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق. كېيىن، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردىمۇ يەنە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. لېكىن، بىز خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.


ئەيسا مەسىھكە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ، خىجالەتچىلىكتە قالماسلىقىمنى ئىنتىزارلىق بىلەن ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە ھازىرمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، مەيلى مەن قانداق ياشاي ياكى قانداق ئۆلەي، ئەيسا مەسىھنى باتۇرلۇق بىلەن ئۇلۇغلايمەن.


مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، خۇدا ماڭا توغرا سۆزلەرنى بەرگەي.


شۇ سەۋەبلەردىن، رەببىمىزگە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەن سىلەردىن خۇدانىڭ چاقىرىقىغا مۇناسىپ ياشىشىڭلارنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن.


شۇڭلاشقا، مەنكى پاۋلۇس ھەر دائىم سىلەرگە دۇئا قىلماقتىمەن. مەن سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولدۇم.


خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك تارقىتىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە دائىر ھەقىقەتلەرنىمۇ يەتكۈزدى، ئۇنىڭغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلمىدى.


شۇ سەۋەبتىن، مەن ھەربىرىڭلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە بۇ ھەقتە سۆزلىشىش ئۈچۈن، سىلەرنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلدىم. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، خەلقىمىز كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچىغا ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا، بۇ زەنجىر بىلەن باغلىنىپ، تۇتقۇن بولۇپ قالدىم.


پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەر جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - بىز ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك!


دۇچار بولار بالاغا يامان ئەلچى، ئېلىپ كېلەر شىپالىق سادىق ئەلچى.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان.


سەندىن قۇلۇڭ ئونېسىمۇس ھەققىدە ئىلتىماس قىلىمەن. ئۇ زىنداندىكى ۋاقتىمدا مەن ئارقىلىق ئېتىقادچى بولغانلىقتىن، ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان.


قوماندان ئالدىغا ئۆتۈپ، لەشكەرلەرنى پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاشقا بۇيرۇدى. كېيىن، ئۇ: - بۇ ئادەم كىم؟ ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ - دەپ سورىدى.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «يۇقىرى ئاۋازدا سۈرەن سال، توختاپ قالما، ئاۋازىڭ ياڭراق بولسۇن، خۇددى بۇرغا چالغاندەك، خەلقىمگە ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كۆرسەت. ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى بايان قىل.


بېلىڭنى باغلا! سەن بېرىپ، بۇ كىشىلەرگە مەن ئېيتقان بارلىق ئەمرلەرنى يەتكۈزگىن. ئۇلاردىن قورقما، بولمىسا مەن سېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ قورقۇنچقا سالىمەن!


بىلىڭلار، سىلەرنىڭ باتۇر لەشكەرلىرىڭلار كوچىلاردا ئۈن سېلىپ يىغلايدۇ. تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىڭلار قاتتىق يىغلايدۇ.


يەرەمىيا كىشەنلىنىپ، بابىلغا سۈرگۈن قىلىنماقچى بولغان يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە ئاھالىلىرى بىلەن بىرگە راماھ شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلدى. ئۇ يەردە قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان ئۇنى قويۇپ بەردى. ئاندىن پەرۋەردىگار قاراۋۇللار باشلىقى ئارقىلىق يەرەمىياغا سۆز قىلدى.


بىزدە شۇنداق بىر ئۈمىد بولغاچقا، يۈرەكلىك ھالدا خوش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىمىز.


بىز ئۈچۈن يەنە شۇنداق دۇئا قىلىڭلاركى، خۇدا ئۆز خەۋىرىنى يەتكۈزۈشىمىزگە يول ئېچىپ بەرسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى ئاشكارىلىغان سىرنى جاكارلىيالايمىز. مەن ھازىر دەل مۇشۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن كىشەنلەندىم.


لېكىن، يەنىلا سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە كۆرە ئىلتىماس قىلىشنى تاللىۋالدىم. بۇ ئىلتىماسنى مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغان ھەم ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا ھازىر مەھبۇس بولۇۋاتقان مەنكى پاۋلۇستىن دەپ بىلگىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite