Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 6:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، خۇدا ماڭا توغرا سۆزلەرنى بەرگەي.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 6:19
34 Referans Kwoze  

بىز ئۈچۈن يەنە شۇنداق دۇئا قىلىڭلاركى، خۇدا ئۆز خەۋىرىنى يەتكۈزۈشىمىزگە يول ئېچىپ بەرسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى ئاشكارىلىغان سىرنى جاكارلىيالايمىز. مەن ھازىر دەل مۇشۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن كىشەنلەندىم.


ئى رەببىمىز، ئەمدى ئۇلارنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان بىزگە سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن! سۆزلىرىڭنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشىمىزگە مەدەت بەرگەيسەن.


قېرىنداشلار، سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. رەببىمىز ھەققىدىكى خۇش خەۋەر خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، ھەرقانداق يەردە تېز تارقالسۇن ۋە ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلىنسۇن.


قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار.


بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار. ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز، ھەر جەھەتتە توغرا يولدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشكە باشلىدى.


سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، بىز قېشىڭلارغا بېرىشتىن ئىلگىرى فىلىپى شەھىرىدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردە ئازاب چەكتۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق. كېيىن، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردىمۇ يەنە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. لېكىن، بىز خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.


سىلەر ھەممە ئىشتا - ئېتىقاد يولىدا، سۆز قابىلىيىتىدە، خۇدا ھەققىدىكى بىلىم ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە بولغان قىزغىنلىقتا ۋە بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببەتتە ئالدىدا تۇرغاندەك، بۇ قېتىملىق ئىئانە قىلىشتىمۇ ئالدىدا تۇرۇڭلار.


بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان پىلانىنى بىزگە ئاشكارىلىدى. خۇدا خۇش رايى بىلەن بۇ پىلاننىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى ئالدىن بېكىتتى.


شۇنداق ئىكەن، سىلەر بىزنى پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرى، دەپ قارىشىڭلار كېرەك. خۇدا بىزگە ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان ھەقىقەتلىرىنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان.


خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك تارقىتىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە دائىر ھەقىقەتلەرنىمۇ يەتكۈزدى، ئۇنىڭغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلمىدى.


ئۈچ ئاي داۋامىدا، پاۋلۇس ئەفەس شەھىرىدىكى يەھۇدىيلار ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن يۈرەكلىك سۆزلىشىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى تەلىمگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى.


لېكىن، پاۋلۇس بىلەن بارنابا تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئالدى بىلەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن، سىلەر يەھۇدىيلار ئۇنى قوبۇل قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە لايىق كۆرمىدىڭلار. شۇڭا، بىز سىلەردىن ئايرىلىدىغان بولدۇق. ئەمدى بىز خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمىز!


يەنە بىر ئىش، ماڭا تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ قويغىن. چۈنكى، دۇئالىرىڭلار ئارقىلىق زىنداندىن ئازاد بولۇپ، يېنىڭلارغا قايتىپ بارىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.


مېنىڭ بۇنداق ئىشلىشىم سىلەرنىڭ ئىچ-ئىچىڭلاردىن رىغبەتلىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۆزئارا باغلىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر. شۇنداق بولغاندا، ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىشتىن كەلگەن تولۇق ئىشەنچكە ئېرىشىپ، خۇدا ئاشكارىلىغان سىرنى، يەنى ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلەيسىلەر.


بىزدە شۇنداق بىر ئۈمىد بولغاچقا، يۈرەكلىك ھالدا خوش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىمىز.


چۈنكى، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرگە كۆپ ئىلتىپات كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزى ھەققىدە مول بىلىمگە ۋە بۇ بىلىمنى باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان سۆز قابىلىيىتىگە ئىگە قىلدى.


پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزدى. رەببىمىز ئەيسامۇ ئۇلارغا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى بېرىپ، ئۇلار يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


بىراق، بارنابا ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ، ئۇنى ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشق يولىدا رەببىمىز ئەيسانى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەببىمىز ئەيسانىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە دەمەشقتە ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە قانداق جۈرئەت بىلەن تەلىم بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى قايىل قىلدى.


ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.


سىلەرگە ئىشەنچىم كامىل ھەم سىلەردىن پەخىرلىنىمەن. ئېغىر مۈشكۈلچىلىكلەردە قالغاندا، سىلەر ئارقىلىق تەسەللى تېپىپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەنىدىم.


سىلەرمۇ بىزگە دۇئا قىلىۋاتقانلىقىڭلار سەۋەبىدىن بىز ئۈچۈن قىلىنغان تېخىمۇ كۆپ دۇئالار خۇداغا يېتىپ، خۇدا بىزنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كۆپلىگەن كىشىلەر خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىدۇ.


ئەكسىچە، خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان دانالىقىدۇر. بۇ دانالىقنى خۇدا دۇنيانى يارىتىشتىن ئىلگىرى، بىزنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرەپكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن ئالدىنئالا بەلگىلىگەن.


قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ خىزمىتىمنى قوللاش يۈزىسىدىن مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنداق قىلغايسىلەر.


ئاپوللوس ئىبادەتخانىدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئاڭلاۋاتقانلاردىن پرىسكىلا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندۈردى.


پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈپ، ئۇ ئاتا قىلغان ئالاھىدە قابىلىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.


ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ، تالىشىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى.


بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! خۇدا مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر بولۇپ، ئۇ قەدىمدىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن سىردۇر.


ئەي كورىنتلىقلار، سىلەرگە ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىدۇق، سىلەرگە باغرىمىزنى كەڭ ئاچتۇق.


پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ياراتقان خۇدا يەنە بۇرۇندىن تارتىپ ئاشكارىلىمىغان بۇ پىلانىنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى بارلىق ئىنسانلارغا چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ماڭا بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite