15 خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇش توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر چورۇقىنى كىيىپ، تەييار تۇرۇڭلار.
تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئۇ تىنچلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ، نىجاتلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ سىئونغا: «سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈمراندۇر» دەيدۇ.
خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر ئەۋەتىلمىسە، خۇش خەۋەر قانداق يەتكۈزۈلسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ قەدىمى نەقەدەر مۇبارەك-ھە!»
كۈچ-قۇۋۋىتىمدۇر ئىگەم پەرۋەردىگار. پۇتلىرىمنى قىلار ئۇ كېيىكنىڭكىدەك، ماڭارمەن شۇندا مەن ئېگىز تاغلاردا. (تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.)
بىراق، ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلار.
ئى مەلىكەم، نەقەدەر گۈزەل-ھە، كېپىش كىيگەن پۇتلىرىڭ، گۆھەردۇر يۇمىلاق يانپېشىڭ، ئۇ بىر گۈزەل ئەسىرىدۇر ئۇستا سەنئەتكارنىڭ.
شەھەر دەرۋازىسىنىڭ بالداقلىرى تۆمۈر ۋە تۇچ بولىدۇ. بىر ئۆمۈر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ ئۆتىدۇ.»
پۇتىغا ئاياغ كىيىشكە ئىجازەت بەردى، بىراق بىرەر ئارتۇق كۆڭلەك ئېلىۋالماسلىقنى بۇيرۇدى.