Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 6:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 مۈشكۈل كۈنلەردە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالىشىڭلار ھەمدە جەڭدىن كېيىنمۇ قەددىڭلارنى رۇسلاپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللىنىڭلار.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 6:13
15 Referans Kwoze  

چۈنكى، جەڭ قوراللىرىمىز بۇ دۇنياغا خاس قوراللار ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ مۇستەھكەم قەلئەلىرىنى گۇمران قىلىدىغان، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئىگە بولغان قوراللاردۇر.


ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىدىغان بۇ ئالامەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتەلىشىڭلار ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانئوغلى ئالدىدا قورقماي تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن ھەر دائىم دۇئا قىلىڭلار، - دېدى.


خەيرلىك ئىشلارنى قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەڭلار. چۈنكى، ياشاۋاتقان بۇ دەۋرىمىز رەزىل دەۋردۇر.


تاشلىق تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار بۇنىڭغا بىر مەھەل ئىشەنگەن بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يىلتىزى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىرەر مۈشكۈللۈككە يولۇقسىلا، بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.


بەرداشلىق بېرىش ھەققىدىكى ئەمرىمگە ئەمەل قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناش مەقسىتىدە پۈتۈن يەر يۈزىگە بالايىئاپەت چۈشۈرۈلىدىغان ۋاقىتتا سېنى ئۇنىڭدىن قوغداپ قالىمەن.


ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە يۇرتدىشىڭلار بولغان ئېپافىرادىن سىلەرگە سالام. ئۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭلار، خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچىڭلاردا چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن، ھەمىشە جان-دىلى بىلەن دۇئا قىلماقتا.


ئەمما ئۇ كەلگەندە، كىممۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ ئۇ زاھىر بولغاندا، كىممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا دەس تۇرالايدۇ؟ چۈنكى ئۇ كۈمۈش تاۋلايدىغان ئوتقا، كىرلەرنى يۇيۇپ ئاقارتىدىغان كۈچلۈك سوپۇنغا ئوخشايدۇ.


ياش ۋاقتىڭدىن باشلاپ ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە تۇت، «كۈنلىرىمدە خۇشاللىق يوق» دەپ ئاھ ئۇرىدىغان قېرى، ئاجىز چاغلىرىڭنىڭ كېلىشىنى كۈتمە.


بۇنداق ئىشلارغا باھانە كۆرسىتەلەيدىغانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپى بۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلىپ، خۇداغا بويسۇنمىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.


چۈنكى، ئۇلارنىڭ غەزىپى تۇتقان دەھشەتلىك كۈن كەلدى. ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟»


سىلەر كۈلپەت كۈنىنىڭ كېلىشىنى خېلى يىراق دەپ ئويلايسىلەر، لېكىن قىلمىشىڭلار جازا كۈنىنىڭ كېلىشىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ.


قاراڭغۇ كېچە ئۆتۈپ كەتتى، كۈندۈز، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېقىنلاپ قالدى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ ساۋۇتىنى كىيىڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا ئىتائەتمەن بولۇڭلار. شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار. شۇ چاغدىلا، شەيتان سىلەردىن قاچىدۇ.


ئەيسا مەسىھ جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنىكەن، سىلەرمۇ شۇنداق ئىرادە بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا يولىدا جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشى گۇناھ قىلىشنى توختىتىشقا بەل باغلىغان بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite