11 شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن قوراللىنىڭلار.
چۈنكى، جەڭ قوراللىرىمىز بۇ دۇنياغا خاس قوراللار ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ مۇستەھكەم قەلئەلىرىنى گۇمران قىلىدىغان، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئىگە بولغان قوراللاردۇر.
قاراڭغۇ كېچە ئۆتۈپ كەتتى، كۈندۈز، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېقىنلاپ قالدى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ ساۋۇتىنى كىيىڭلار.
يورۇقلۇققا مەنسۇپ بولغان بىزلەر بولساق ئۈستىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ساۋۇتىنى، بېشىمىزغا قۇتقۇزۇلۇش ئۈمىدىنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، ئۆزىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز كېرەك.
مۈشكۈل كۈنلەردە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالىشىڭلار ھەمدە جەڭدىن كېيىنمۇ قەددىڭلارنى رۇسلاپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللىنىڭلار.
ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى، دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ.
بۇنىڭدىكى مەقسەت، شەيتان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بىز شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى ياخشى بىلىمىز.
شۇنداق بولغاندا، بىز كىشىلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە گۆدەك بالىلاردەك ئالدىنىپ، ھەر خىل غەيرىي تەلىماتلارنىڭ شامىلى ۋە دولقۇنلىرىدىن تەۋرىنىپ كەتمەيمىز.
يېڭى تەبىئەتكە ئىگە بولدۇڭلار. سىلەر ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئوبرازى بويىچە يېڭىلىنىۋاتقىنىڭلاردا، خۇداغا بولغان تونۇشۇڭلار چوڭقۇرلىشىدۇ.
ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. گۇناھكار تەبىئىتىڭلاردىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قاندۇرۇشنى ئويلىماڭلار.
بىراق، ھاۋا~ئانىنىڭ ھىيلىگەر يىلان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ ساختا ئەلچىلەر تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، ئەيسا مەسىھكە بولغان سەمىمىي ۋە پاك قەلبىڭلارنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۈزدۇق، خۇدانىڭ قۇدرىتىنىڭ بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدۇق. ھەققانىيلىقنى ئۆزىمىزگە قورال قىلىپ، تۈرلۈك ھۇجۇملارغا زەربە بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىمۇ قوغدىدۇق.
لېكىن، تىياتىرادىكى بۇ تەلىمنى قوبۇل قىلمىغان ۋە شەيتاننىڭ ئاتالمىش «چوڭقۇر سىرلىرى»~نى ئۆگەنمىگەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى: ئۆزۈڭلاردا بار بولغاننى مەن كەلگۈچە چىڭ ساقلاڭلار. سىلەرگە بۇنىڭدىن باشقا تەلەپ قويمايمەن.
يېڭى تەبىئەتنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. بۇ يېڭى تەبىئەت خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ماس بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق ۋە ھەققىقىي پاكلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.
شۇ سەۋەبتىن، ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. ئۇ مەڭگۈ ھايات بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.
ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!
چۈنكى، بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى بولغان شەيتان خۇدانىڭ ئوبرازى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدىغان خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئېتىقادسىزلارنىڭ دىلىنى يورۇتمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويدى.
سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارغا باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. خۇدا ئىشەنچلىكتۇر! ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرىش چېكىڭلاردىن ھالقىغان سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ. خۇدا سىلەرنىڭ سىناققا دۇچ كەلگەندە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار خۇدا تاللىغانلارنى مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.
چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە يەر يۈزىگە تاشلاندى.
دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر ئىككىلىسى تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر شۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا ئىتائەتمەن بولۇڭلار. شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار. شۇ چاغدىلا، شەيتان سىلەردىن قاچىدۇ.
شۇڭا مەن يەھۇدىيلارنى ئۆز جەمەتى بويىچە قىلىچ، نەيزە ۋە ئوقيالار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، سېپىلنىڭ ئوچۇق ۋە ئەڭ پاكار يەرلىرىگە قاراۋۇللۇققا قويدۇم.