Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 6:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 6:10
30 Referans Kwoze  

مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.


ئەمما پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلەرنىڭلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ. توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ.


مەن ساڭا: «قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، قورقما ھەم بوشىشىپ قالما» دەپ بۇيرۇغان ئەمەسمىدىم! چۈنكى سەن قەيەرگە بارساڭ، مەن پەرۋەردىگارىڭ، يەنى سەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا يار بولىمەن.


قېرىنداشلار، ئېتىقاد يولىدا ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، مەردانە ۋە قەيسەر بولۇڭلار.


پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان. سىلەر ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، خۇدا سىلەرنى دەس تۇرغۇزۇپ، سىلەرنى چىداملىق قىلىپ، ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس قىلىدۇ.


بىز يەنە شۇنى تىلىدۇقكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن كۈچلەندۈرگەي. شۇنداق بولغاندا، سىلەر ھەرقانداق ئىشقا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر ھەمدە خۇشال-خۇراملىققا چۆمۈپ،


شۇنداقلا، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى بىزلەر ئۈچۈن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر قۇدرەتلىكلىكىنىمۇ چۈشەنگەيسىلەر. بۇ، دەل خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشتە ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئولتۇرغۇزغاندا نامايان قىلغان بۈيۈك كۈچ-قۇدرەتتۇر.


خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ چەكسىزلىكىدىن سىلەرگە قۇدرەت بېرىپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سىلەرنى ئىچ-ئىچىڭلاردىن كۈچلەندۈرگەي.


لېكىن، خۇدا مەن بىلەن بىللە بولۇپ، ماڭا خۇش خەۋەرنى تولۇق جاكارلاشقا مەدەت بەردى. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى ھەممە يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا مېنى بۇ قېتىمقى سوتتىن، يەنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.


ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟ پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك خۇدادۇر، ئۇ پۈتۈن جاھاننى ياراتقان، ھېچقاچان چارچاپ، ھېرىپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ پاراسىتىنى ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمەيدۇ.


ئەي ئوغلۇم، سەن ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ كۈچلۈك بول.


لېكىن سىلەر قەيسەر بولۇڭلار. بوشاپ كەتمىسەڭلارلا، ئەجرىڭلارغا لايىق مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر.


مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئەي زىرۇببابەل، جاسارەتلىك بول! ئەي يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا، جاسارەتلىك بول! ئەي بۇ يەردىكى بارلىق خەلق، سىلەرمۇ جاسارەتلىك بولۇڭلار! ھازىرلا ئىشقا كىرىشىڭلار. مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىمەن، بۇ مېنىڭ ۋەدەم!


بەردىڭ جاۋاب نىدا قىلغان چېغىمدا، جەسۇر قىلدىڭ كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا.


قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار.


ئەي يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە خەلقلىرى، ئىلگىرى سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەتكە قالغان خەلق دەپ ئاتالغان بولساڭلار، ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. سىلەر بەخت مەنبەسى بولىسىلەر، شۇڭا قورقماڭلار، بەلكى جاسارەتلىك بولۇڭلار!»


سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن، پەرۋەردىگار مۇقەددەس جاي بولغان ئىبادەتخانىنى سېلىشقا سېنى تاللىغان ئىكەن، دادىللىق بىلەن ئىشلىگىن!


سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇ يەرگە بېرىپ، داۋۇت بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتتى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىبادەتخانامنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا جاسارىتىڭلار بولسۇن! بۇ سۆزلەرنى بۇرۇن ئىبادەتخانامنىڭ ئۇلى سېلىنغان كۈنى پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەنىدى ۋە بۈگۈنمۇ سىلەر بۇ سۆزلەرنى يەنە ئاڭلاۋاتىسىلەر.


پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋاغا مۇنداق دەپ ئەمر قىلدى: _ قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولغىن، سەن ئىسرائىللارنى مەن ئۇلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىسەن، مەن ساڭا يار بولىمەن.


ئۇ ئوغلى سۇلايمانغا يەنە: _ ئىش قىلغاندا قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولغىن، ھەرگىز قورقمىغىن ھەم بوشىشىپ قالمىغىن! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا، يەنى مەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا ياردۇر. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسى قۇرۇلۇپ بولغۇچە، سەندىن ئايرىلمايدۇ ۋە سېنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ.


ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، خۇشال-خۇرام بولۇڭلار، ئېتىقادتا يېتىلگەن ئادەم بولۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار. نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىناق ئۆتۈڭلار. مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئامانلىق مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولغاي!


يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھەممىڭلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ھېسداشلىق قىلىڭلار، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، مېھرىبان ۋە كەمتەر بولۇڭلار.


ئەمدى قېرىنداشلىرىم، سىلەر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شاد-خۇرام بولۇڭلار. سىلەرگە بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرنى يەنە قايتىلاش ماڭا ئاۋارىچىلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ سۆزلەر سىلەرنىڭ قوغدىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.


كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئىشتا خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


ئەزىز بالىلىرىم، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇدۇڭلار. ئاتىلار، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار. يىگىتلەر، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك، خۇدانىڭ سۆزى قەلبىڭلاردا ياشايدۇ، شەيتان ئۈستىدىنمۇ غەلىبە قىلدىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite