Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 6:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئەي بالىلار، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. بۇ، سىلەرنىڭ بۇرچۇڭلاردۇر.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 6:1
33 Referans Kwoze  

ئاڭلا سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى، كەمسىتمە ئاناڭ ياشانغاندا ئۇنى.


ئەي ئوغلۇم، ئەمەل قىل بۇيرۇقىغا ئاتاڭنىڭ، چىقما تەلىمىدىن ئاناڭنىڭ.


ئەي ئوغلۇم، تەربىيىسىگە قۇلاق سال ئاتاڭنىڭ، تەلىمىگە بىپەرۋالىق قىلما ئاناڭنىڭ.


_ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئوغلى جاھىل، ئىتائەتسىز، ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنمايدىغان بولۇپ، تەربىيە قىلسىمۇ گەپ ئاڭلىمىسا،


ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. مېنىڭ دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


لېكىن، تۇل ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسا، ئۇ پەرزەنتلەر ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئېتىقادىنى ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى ياندۇرسۇن. چۈنكى بۇ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.


بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار، ئەكسىچە ئوي-پىكرىڭلار خۇدانىڭ يېڭىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگەرسۇن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھاياتىڭلارغا بولغان ئىرادىسىنى ھەمدە بۇ ئىرادىنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر خۇرسەن قىلارلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر.


چوقۇلار جىلغىدىكى قاغىلار ياكى يەۋېتەر بۈركۈتنىڭ بالىلىرى، ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىپ، ئانىسىنى كەمسىتكۈچىنىڭ كۆزىنى.


دېمەك، تەۋرات قانۇنى ھەقىقە تەن پاكتۇر. ئۇنىڭدىكى ئەمرلەرمۇ پاك، توغرا ۋە ياخشىدۇر.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرەتتى. ئانىسى يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە چىڭ ساقلىدى.


ئۇ خۇشاللىقىدىن كىشىلەر ئالدىدا ناخشا ئېيتىپ: ‹مەن گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ كەتكەن بولساممۇ، خۇدا مېنى گۇناھىمغا لايىق جازالىمىدى،


رەببىمىزنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھوقۇقدارلارغا، يەنى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپتىكى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ۋالىيلارغا بويسۇنۇڭلار. بۇ ھوقۇقدارلار يامان ئىش قىلغۇچىلارنى جازاغا تارتىش، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن.


دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن، ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر. ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار، گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار.


شۇنداقلارمۇ باركى، ئۆز ئاتىسىنى قارغايدىغان، ئۆز ئانىسىغا بەخت تىلىمەيدىغان.


توغرىدۇر پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى، شادلاندۇرار قەلبلەرنى. ئوچۇقتۇر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى، روشەن قىلار كۆزلەرنى.


ئەستىر موردىكاينىڭ تاپىلىشى بويىچە، ئۆزىنىڭ خەلقى ۋە ئۇرۇق-ئەجدادى ھەققىدە يەنىلا ھېچكىمگە ھېچنېمە ئېيتمىدى. ئەستىر موردىكايغا ئۇنىڭ تەربىيەسىدىكى ۋاقتىدا بويسۇنغاندەك بويسۇناتتى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.


سىلەر ئۇنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەپ قاراپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىدە بولۇشقا تېگىشلىك قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغايسىلەر. ئۇنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ھەرقانداق ئېھتىياجىغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، شۇنىڭدەك ماڭىمۇ چوڭ ياردەم قىلغان.


بىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنىڭ ئادىللىقىنى، ساداقىتىڭ بىلەن جازالىدىڭ مېنى.


ئىسرائىل يۈسۈپكە: _ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە قوي بېقىۋاتىدۇ. سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ يوقلاپ كەلگىن، _ دېدى. _ ماقۇل، باراي، _ دەپ جاۋاب بەردى يۈسۈپ.


رېكابنىڭ ئوغلى يېھوناداب ئەۋلادلىرىغا شاراب ئىچمەسلىكنى بۇيرۇغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلغان. ئۇلار ئەجدادىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن تاكى بۈگۈنگىچە ھېچقانداق شاراب ئىچىپ باقمىغان. لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە كۆپ قېتىم تەكىتلىسەممۇ، سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار.


سەن سىناي تېغىغا چۈشتۈڭ، ئەرشتىن خەلقىڭگە سۆز قىلدىڭ ۋە ئۇلارغا ئادىل تۈزۈم، ھەق قانۇن ۋە لىللا ئەمر-پەرمانلارنى چۈشۈردۈڭ.


داۋۇت ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، قويلىرىنى باشقا بىر پادىچىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئاتىسى يىشاينىڭ تاپىلىغىنى بويىچە يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇ بارگاھقا كەلگەندە، ئىسرائىللار قوشۇنى جەڭگە ماڭغان بولۇپ، ھەممەيلەن چۇقان كۆتۈرۈۋاتاتتى.


ئادىل دەپ قارايمەن پەرمانلىرىڭنى، ئۆچ كۆرىمەن بارلىق ساختىلىقلارنى.


_ سىز نېمە دېسىڭىز مەن شۇنى قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى رۇت.


بىز ۋە بىزنىڭ ئاياللىرىمىز، ئوغۇل-قىزلىرىمىز، ئەجدادىمىز رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ بىزگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشلىرىغا بويسۇنۇپ كەلدۇق. بىز ئەزەلدىن شاراب ئىچىپ باقمىدۇق.


ئاندىن يەرەمىيا رېكاب جەمەتىدىكىلەرگە سۆزلەپ: _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئەجدادىڭلار يېھونادابنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ماڭدىڭلار. ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدىڭلار.


يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ تىزىدىن ئىككى ئوغلىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ئۆزى ئاتىسىنىڭ ئالدىدا بېشىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ تەزىم قىلدى.


شۇنداق قىلىپ، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite