Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 5:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 ھېچكىم ھېچقاچان ئۆز تېنىدىن نەپرەتلەنمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۆز تېنىنى ئاسرايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆيۈنىدۇ. بۇ خۇددى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆز تېنى بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ئاسراپ، ئۇنىڭغا كۆيۈنگەنلىكىگە ئوخشايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 5:29
13 Referans Kwoze  

مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ، ئىككىسىنىڭ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.»


«نادان ھۇرۇنلۇقىدىن ئۆزىنى خاراب قىلىدۇ.»


كەلتۈرەر رەھىمدىل ئۆزىگە پايدا، ئۇچرىتار رەھىمسىز ئۆزىنى زىيانغا.


پەرۋەردىگار پادىچىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قوزىلىرىنى قولىغا ئالىدۇ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ، باغرىغا بېسىپ ماڭىدۇ، ئۇ ساغلىق ۋە قوزىلارنى مېھرىبانلىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.


- ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار.


نادان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر.


باغلار مېۋىلەيدۇ، ئېتىزلار ھوسۇل بېرىدۇ، خەلقىم ئۆز يۇرتلىرىدا خاتىرجەم ياشايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئۇلارنى قۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


ئادەم مۇنداق دېدى: _ مانا ئەمدى سۆڭىكى سۆڭىكىمدىن، گۆشى گۆشۈمدىن ئېلىنغان بىرى بولدى! ئۇ «ئايال» [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئەر» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتالسۇن، چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغاندۇر.


كۆكتىكى ئۇچارقاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئامباردا ئوزۇقمۇ ساقلىمايدۇ. ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟


ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى شۇنداق سۆيگەنىكەن، ئەرلەرمۇ ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەك. ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر.


بىز ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite