Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 5:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىكى مەقسىتى، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى خۇدانىڭ سۆزى ۋە سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق گۇناھلىرىدىن پاك قىلىشتۇر.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 5:26
35 Referans Kwoze  

سىلەر پۇتالغان شاخلارغا ئوخشاش بولۇپ، مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار.


مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى. چۈنكى، دىللىرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ سېپىلىشى بىلەن ۋىجدان ئازابىدىن خالاس بولغان ۋە بەدىنىمىز پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك پاكلانغان.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - بىلىپ قويۇڭكى، ھەم سۇدىن، ھەم خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلمىگۈچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ!


ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.


بەزىلىرىڭلار بۇرۇن مانا شۇنداقلاردىن ئىدىڭلار. لېكىن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق گۇناھىڭلار يۇيۇلۇپ، خۇداغا ئاتالدىڭلار ۋە خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندىڭلار.


خۇدا ئاتا قىلغان قۇتقۇزۇلۇش دۇبۇلغىسىنى كىيىڭلار ۋە مۇقەددەس روھ قىلىچى، يەنى خۇدانىڭ سۆزىنى مەھكەم تۇتۇڭلار.


ئەيسا مەسىھ دۇنياغا كەلگەندە، سۇدا چۆمۈلدۈرۈش رەسمىيىتىنىمۇ، كرېستكە مىخلىنىپ قان تۆكۈشنىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ كەلگەندە، پەقەت سۇدا چۆمۈلدۈرۈش رەسمىيىتىدىن ئۆتۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز قېنىنى تۆكۈپ قۇربانلىقنىمۇ بەردى. مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ روھى ھەقىقەتتۇر.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.


ئۇ كۈن كەلگەندە، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ئۈچۈن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ بۇلاق ئۇلارنىڭ بارچە گۇناھلىرى ۋە ناپاكلىقىنى يۇيىدۇ.»


خۇدانىڭ بۇ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆز تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا ئاتالدۇق.


بۇ، بىزنىڭ ھازىرقى قۇتقۇزۇلغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىغان سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولىدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىز بەدىنىمىزنىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق پاك ۋىجدان بىلەن خۇداغا بېغىشلىشىمىزدۇر.


ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!


شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىنى ساقلاپ تۇرىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ چۆمۈلدۈرۈلگىن ۋە رەببىمىزگە دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىڭدىن پاكلان!» دېدى.


خۇدائاتىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرنى تاللىدى، مۇقەددەس روھ سىلەرنى پاك قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن گۇناھلىرىڭلاردىن يۇيۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن، خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن چاقىرىلغان، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغداپ قېلىنغانلارغا سالام.


سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.


ئۇلار سەن ماڭا بەرگەن ھەممە نەرسىلەرنىڭ سېنىڭدىن كەلگەنلىكىنى ئەمدى بىلدى.


مەن بەدىنىڭدىكى قانلارنى يۇيۇپ، تېرىلىرىڭگە زەيتۇن يېغى سۈرتتۈم.


خۇدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان سۆزى ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خۇددى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى خۇداغا ئاتالغىنىدەك، بىز ئېتىقادچىلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خۇداغا ئاتالدۇق.


سىلەر كۆپ مېۋە بېرىشىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايسىلەر. بۇ، ئاتامغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.


ئاندىن ئۇ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇلارنى يۇيۇنۇشقا بۇيرۇدى.


چۈنكى بۇ كۈنى خەلقنىڭ ھەممە گۇناھى ساقىت قىلىنىپ پاك بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پاكلىنىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يۇيۇنۇپ بولغان ئادەمنىڭ قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا، پۈتۈن ئەزاسى پاك بولىدۇ. سىلەرمۇ گۇناھلىرىڭلاردىن پاك، لېكىن ھەممىڭلار ئەمەس، - دېدى.


ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى دەل «خۇدانىڭ سۆزى ساڭا يېقىندۇر، ئۇ تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر.» مانا بۇ، ھەم بىز يەتكۈزۈۋاتقان ئېتىقاد توغرىسىدىكى سۆزلەردۇر.


مەن سىلەرنى ساختا ئەلچىلەردىن قىزغىنىمەن. بۇ، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمدىن كەلگەن. مەن گويا بىر پاك قىزنى ياتلىق قىلغاندەك، سىلەرنى «يېگانە ئەر»~گە - ئەيسا مەسىھكە تەقدىم قىلدىم.


ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا خۇدادىن كەلگەن بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن غەزەللەرنى ئېيتىڭلار.


خۇدانىڭ سۆزى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان ئۈنۈملۈك سۆزدۇر. ئۇ ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىنمۇ ئىتتىك بولۇپ، جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك ئۆتكۈرلۈك بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئارزۇ-ھەۋەس ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى پاش قىلىدۇ.


ئۇ مۇشۇ بىر قۇربانلىق بىلەن ئۆزىنى خۇداغا ئاتىغان كىشىلەرنى خۇدانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ مۇكەممەل قىلدى.


ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى كۈچكە ئىگە قىلغان ۋە ئۆزىنى پاكلىغان قانغا سەل قارىسا، ئۆزىگە شەپقەت قىلغان مۇقەددەس روھنى ھاقارەت قىلسا، تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق بولمامدۇ؟!


شۇڭا، ئەيسا مەسىھمۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاك قىلىپ، خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى.


بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولمىغان كىشى پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان ياكى كور كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇنداق كىشى بۇرۇنقى گۇناھلىرىدىن پاك قىلىنغانلىقىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ.


پاكلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان روھانىي پاكلانغۇچىنى ۋە قۇربانلىقلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite