Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 5:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ئەي ئەرلەر، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى قانداق سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق قۇربان قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلارنى شۇنداق سۆيۈڭلار.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 5:25
21 Referans Kwoze  

ئەي ئەرلەر، شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن بولغان تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ سىلەردىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭلار ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. چۈنكى، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلاردۇر. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.


ئەي ئەرلەر، ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلماڭلار.


ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى شۇنداق سۆيگەنىكەن، ئەرلەرمۇ ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەك. ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر.


بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.


يەنە بىر قېتىم شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ھەممىڭلار ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى ھۆرمەتلىسۇن.


ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.


ئەيسا مەسىھ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىپ، بىزنى بۇ رەزىل دۇنيادىن قۇتقۇزدى.


سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،


ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن.


ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


ئىسھاق رىبەقانى ئانىسى سارە ھايات ۋاقتىدا تۇرغان چېدىرغا باشلاپ كىرىپ، نىكاھىغا ئالدى. ئانىسى ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئۇ رىبەقانىڭ مۇھەببىتىدىن ئۆزىگە تەسەللى تاپتى.


ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.


ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان!


ئەرشتىن چۈشكەن، «ھاياتلىق بېرىدىغان نان» ئۆزۈمدۇرمەن. كىمدەكىم بۇ «نان»~دىن يېسە، مەڭگۈ ياشايدۇ. بۇ «نان» مېنىڭ تېنىمدۇر. مەن دۇنيادىكى ئىنسانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، ئۇنى ئاتىماقچى.


كەمبەغەلنىڭ پەقەت سېتىۋېلىپ بېقىۋاتقان كىچىككىنە بىر چىشى قوزىسىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ئىكەن. ئۇ قوزا كەمبەغەلنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرگە چوڭ بولۇشقا باشلاپتۇ. قوزا ئۇنىڭ قاچىسىدىن تاماق يەپ، سۈت ئىچىپ، قوينىدا ئۇخلايدىكەن. قىسقىسى قوزا ئۇ ئادەمنىڭ قىزىدەكلا بولۇپ كېتىپتۇ.


ئىنسانلارنىڭ گۇناھتىن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى. خۇدا بۇنىڭغا دەل ۋاقىت-سائىتىدە گۇۋاھلىق بەردى.


خۇددى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىدەك، ئاياللارمۇ ھەرقانداق ئىشتا ئۆز ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلسۇن.


مەن ساڭا كۈمۈشتىن كۆزلەر قويۇلغان، ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەت ياساپ بېرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite