22 ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار.
ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار.
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىغا ماھىر بولۇش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشلارنى ئۆگىتەلەيدىغان بولسۇن. ياش ئاياللار شۇنداق ياشىسا، خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ.
كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا مۇنداق دېدى: «ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن. تۇغۇتۇڭدا تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن، شۇنداقتىمۇ ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن، ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ.»
ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار.
سىلىنىڭ ئەمرلىرى كاتتا ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە جايلىرىغا جاكارلانغاندىن كېيىن، ھەممە ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ بار-يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ، _ دېدى.
ئاياللار جامائەتچىلىك يىغىلىشلىرىدا قالايمىقان سۆزلەشمەي، شۈك ئولتۇرسۇن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ شۇنداق سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان. تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك، ئۇلار تەرتىپكە رىئايە قىلسۇن.
پادىشاھ ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە جايلىرىغا: «ھەربىر ئەر ئۆز ئائىلىسىنىڭ خوجايىنىدۇر» دەپ ھۆكۈم چۈشۈردى.
ئەي قۇللار، بۇ دۇنيادىكى خوجايىنلىرىڭلارغا خۇددى ئەيسا مەسىھكە بويسۇنغاندەك چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چىن قەلب بىلەن بويسۇنۇڭلار.
ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە تىرىلگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ئەرشتىكى ئىشلارغا ئىنتىلىڭلار. ئەيسا مەسىھ ئەرشتە خۇدانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ.