ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 5:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى19 سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا زەبۇر مۇناجاتلىرى، خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن ناخشىلار ياڭرىسۇن. قەلبىڭلاردا بۇ نەغمە سادالىرى ياڭرىغاندەك، چىن قەلبىڭلاردىن رەببىمىزنى مەدھىيىلەڭلار. Gade chapit la |
قېرىنداشلار، مەن خۇلاسە قىلاي، سىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، بەزىلىرىڭلار مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار تەلىم بېرىسىلەر، بەزىلىرىڭلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىسىلەر، بەزىلىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەيسىلەر، باشقىلار بولسا بۇ تىلنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەممە ئىش جامائەتچىلىكنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسۇن.