12 ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن قىلغان شۇملۇقلىرىنى تىلغا ئېلىشمۇ نومۇستۇر.
ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە قەتئىي يول قويۇلمىسۇن. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ماس كەلمەيدۇ.
مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەر بويىچە، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئىشلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ.
مەن دەيمەنكى، ئەجەبا، ئادەملەر يوشۇرۇنۇۋالسا، مەن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ؟ ئاسمان ۋە زېمىندا مەن يوق بىرەر جاي بارمۇ؟
ئادەمنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا، مەيلى ياخشى، ياكى يامان ئىشلىرى بولسۇن، ھەتتاكى يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرى بولسۇن، ھەممە ئىشلىرىغا خۇدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
سەن ئۇ ئىشنى يوشۇرۇن قىلغان بولساڭ، مەن بۇنى بارلىق ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا كۈپكۈندۈزدە قىلغۇزىمەن.»
مەن يەنە ئۆلۈكلەرنى كۆردۈم. كاتتا ياكى ئەرزىمەس بولسۇن، ھەممىسى تەختنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. كىتابلار ئېچىلدى. «ھاياتلىق دەپتىرى» دېيىلگەن يەنە بىر كىتابمۇ ئېچىلدى. ئۆلۈكلەر كىتابلاردا خاتىرىلەنگەنلەر بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى.
بۇرۇن سىلەر خۇداغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، كۆپ ۋاقتىڭلارنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭلار. سىلەر بۇزۇقچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت، ئاچكۆزلەرچە يەپ-ئىچىش ۋە يىرگىنچلىك بۇتپەرەسلىك ئىچىدە ياشاپ كەلگەنىدىڭلار.
«ئوغرىلاپ ئىچكەن سۇ تاتلىقتۇر، يوشۇرۇپ يېگەن نان تەملىكتۇر».
كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇقتا قىلغان ئەھمىيەتسىز يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولماڭلار. ئەكسىچە، ئۇ ئىشلارنى پاش قىلىڭلار.
نۇر ئۇلارغا چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ شۇملۇقلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ.