Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ ئەرشكە چىققاندا، نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى يېتەكلىدى. ئىنسانلارغا ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلدى.»

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:8
7 Referans Kwoze  

رەببىمىز سەن يۇقىرىغا چىققىنىڭدا، ئېلىپ كېتىسەن نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى. سېلىق قوبۇل قىلىسەن ئىنسانلاردىن، ھەتتا ساڭا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلاردىن، ئىگەم خۇدا ئورۇن ئالىسەن سىئوندىن.


شۇنداق قىلىپ، خۇدا روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى يامان ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى ئارقىلىق ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش بىلەن ئۇلارنى پۈتكۈل ئالەم ئالدىدا نومۇستا قالدۇردى.


داۋۇت زىقلاق شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرىغا، يەنى يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: «بۇ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجىمىز، سىلەرگە سوۋغات بولسۇن» دېدى.


كەينىدىن پادىشاھ ھەممە ئالىي ئەمەلدارلىرى ۋە بەگلىرىگە ئەستىرنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بىر كاتتا زىياپەت بەردى. پۈتۈن ئۆلكىلەردە بايرام ئېلان قىلىندى ۋە سېخىيلىق بىلەن ھەدىيەلەر بېرىلدى.


ئويغان، ئويغان! دىبورا ئويغان! ئابىنوئام ئوغلى باراق، ئورنۇڭدىن تۇر! ئويغان، مەدھىيە ياڭرات! ئەسىرلىرىڭنى ئېلىپ كەت!


كىم ئەرشكە چىققان ھەم ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى تونىغا يۆگىگەن؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرىسىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىچۇ؟ بىلمەمسەن؟


ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئىلتىپات قىلىپ، بەزىلەرنى ئەلچى، بەزىلەرنى پەيغەمبەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى، يەنە بەزىلەرنى جامائەتچىلىك مەسئۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچى قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite