7 ئەيسا مەسىھ سېخىيلىق بىلەن ھەربىرىمىزگە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلدى.
خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ماڭا ئاتا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلارنى ئارتۇقچە باھالىماڭلار. ئەكسىچە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن خۇدا سىلەرگە بەرگەن ئېتىقاد جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار.
خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا خىلمۇخىل ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان قابىلىيەتلەرنى ياخشى قوللىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار.
سىلەر بىلىسىلەر، خۇدا ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئاتا قىلدى.
مەن خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرى بولساممۇ، خۇدا ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ۋە ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھەقىقىي بايلىقنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاللىدى.
ئۇ ئادەم ھەر بىر چاكارنىڭ ئوقەت قىلىش قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرىگە بەش مىڭ، بىرىگە ئىككى مىڭ، بىرىگە مىڭ كۈمۈش تەڭگە بېرىپ، يولغا چىقىپتۇ.
خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.
بىز خۇدا بىلەن بىللە خىزمەت قىلغۇچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ سىلەردە بىكارغا كەتمەسلىكىنى ئۆتۈنىمىز.
خۇدا كۆرسەتكەن ھەر خىل مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ھەدىيىلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردى.