Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 رەببىمىز بىر، ئېتىقادىمىزمۇ بىر بولۇپ، ئوخشاش بىر چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:5
28 Referans Kwoze  

بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا يېگانە خۇدا، يەنى ئەرشتىكى خۇدائاتىمىزلا باردۇر. ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئۈچۈن يېگانە بىر رەب، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇتتۇر. بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئىگە بولدۇق.


چۈنكى، يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ھەممىمىز ئوخشاش مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن چۆمۈلدۈرۈلۈپ، بىر تەننىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مۇقەددەس روھتىن بەھرىمەن بولدۇق.


بۇ، بىزنىڭ ھازىرقى قۇتقۇزۇلغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىغان سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولىدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىز بەدىنىمىزنىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق پاك ۋىجدان بىلەن خۇداغا بېغىشلىشىمىزدۇر.


چۈنكى، خۇدا بىردۇر. ئۇ خەتنە قىلىنغان يەھۇدىيلارنى، شۇنداقلا خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ بىرلا يول بىلەن، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ،


ئەجەبا، ئەيسا مەسىھنى پارچىلاش مۇمكىنمۇ؟ سىلەر ئۈچۈن كرېستكە مىخلانغان ئادەم مەنمىدىم؟ سىلەر مېنىڭ نامىم بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنمىدىڭلار؟


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان.


چۈنكى، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىپ، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا مەن يەتكۈزگەنگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تەلىمنى يەتكۈزگەنلەرگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق يول قويدۇڭلار. سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھتىن باشقا بىر روھ ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر خوش خەۋەر توغرىسىدا ئېيتىلغانلارنىمۇ سىغدۇردۇڭلار.


پەرۋەردىگار پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېگانە پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ۋە نامىنىڭمۇ يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.


ئۇنى رەببىم دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خۇدائاتىمىز ئۇلۇغلىنىدۇ.


بۇ ۋەزىپە تاكى بىزنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلىشتا بىردەك بولۇپ، ئۇنى چوڭقۇر تونۇشىمىز ھەمدە ئېتىقاد جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش بولۇشىمىزغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.


بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز.


رەببىمىز ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بىز خىزمەت قىلىدىغان رەببىمىز بىردۇر.


لېكىن سىلەر، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ئىنتايىن مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ ئۇلى ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈڭلار ۋە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ دۇئا قىلىڭلار.


خۇدانىڭ سۆزىنى سىلەرگە يەتكۈزگەن يېتەكچىلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ نەقەدەر ياخشى مېۋىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار.


ۋەھالەنكى ئۇلار خۇدادىن ۋاز كەچتى، خۇدانىڭ ئوغلىنى رەت قىلدى. بۇ، خۇدانىڭ ئوغلىنى كرېستكە قايتا مىخلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا داغ كەلتۈرگەن بىلەن باراۋەردۇر.


خۇدائاتىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان ئورتاق ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


خۇدانىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن تىتۇسقا سالام. مەن خۇدا تاللىغانلارغا ئېتىقاد يولىنى كۆرسىتىشكە ۋە ئۇلارنى ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشكە تەيىنلەندىم.


مەن قەتئىي شۇنداق قارايمەنكى، رەببىم ئەيسا مەسىھنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ئالدىدا ھەرقانداق ئىش قەدىرسىزدۇر. ئەيسا مەسىھنى تونۇپ يېتىشىم ۋە ئۇنىڭغا زىچ باغلىنىشىم ئۈچۈن، ھەممىنى تاشلىۋەتتىم ھەمدە ئۇلارنى ئەخلەت، دەپ قارايمەن. ئەمدى مېنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بولدى. چۈنكى بۇ ھەققانىيلىق ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن كەلدى.


سىلەر خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغانغۇ. خۇدا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، شۇنى قەتئىي بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدا سىلەر كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ھەم رەببىمىز، ھەم بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلىدىغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ قىلىپ تەيىنلىدى! - دېدى.


ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەلچىسى بولغان مەنكى سىمۇن پېترۇستىن سىلەرگە سالام! سىلەر بىزنىڭ خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئادىللىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر بولدۇڭلار.


لېكىن، بەزىلەر: «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېسە، بەزىلەر: «ئېتىقاد بىلەن ئەمەلىيەت بىرگە بولۇشى كېرەك» دەپ ئۆزئارا تالىشىشى مۇمكىن. مەن ئاشۇ «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېگۈچىلەرگە: «ئەگەر سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭ بولمىسا، ئۆز ئېتىقادىڭنى نامايان قىلالمايسەن. بىراق، مەن ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئۆز ئېتىقادىمنى نامايان قىلالايمەن» دەپ جاۋاب بېرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite