ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى32 بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار. Gade chapit la |
ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ.
بىز مانا مۇشۇنداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەن ھەر خىل ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئاخىردا خۇدانىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى قانداق ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر.