Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 بارلىق ئاداۋەت تۇتۇش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، جېدەللىشىش، تۆھمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىللەتلەردىن ۋە ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:31
62 Referans Kwoze  

ئەمدى بۇنداق يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تاشلاڭلار. غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىش، يامان نىيەتتە بولۇش، تۆھمەت قىلىش ياكى ئەدەپسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتەك يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.


ئاسان ئاچچىقلانما، چۈنكى ئاچچىقلىنىش ئەخمەقنىڭ قەلبىدە ماكان قۇرىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاڭلار.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن.


ئەي ئەرلەر، ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلماڭلار.


لېكىن، قەلبىڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولسا، ئەقىل-پاراسەتلىكمەن، دەپ ئۆزۈڭلاردىن ماختانماڭلار. ئەگەر ماختانساڭلار، يالغان سۆزلەپ، ھەقىقەتنى يوققا چىقارغان بولىسىلەر.


ئەگەر ئاچچىقلانساڭلار، ئاچچىقىڭلار سىلەرنى گۇناھقا باشلىمىسۇن. ئاچچىقىڭلاردىن قايتماي، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن.


شەيتانغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماڭلار! قابىل نېمىشقا ئىنىسىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى؟ ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ناھەق، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.


باشقىلارغا كىمكى تۆھمەت ئەيلىسە يوق قىلارمەن ئۇنى دۈشمەن بىلىپ، كۆرسەم ئەگەر ھالى ئۈستۈن، مەنمەنچىنى تۇرالماسمەن سۈكۈت قىلىپ.


قېرىنداشلار، بىر-بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. قېرىندىشىڭلارنى سۆكسەڭلار ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدانىڭ «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار» دېگەن قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى قارار قىلىدىغان سوتچى ئەمەسسىلەر. سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت.


ئوت ئۆچەر ئوتۇن بولمىسا، جېدەل تۈگەر چېقىمچى بولمىسا.


ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولغان بۇنداق كىشى خۇدانىڭ خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق ئەيىبسىز بولۇشى كېرەككى، ھەرگىز تەرسا، چۇس مىجەز، ھاراقكەش، زوراۋان، مال-دۇنياغا تەمەخور بولماسلىقى،


خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم.


يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە بولغان مۇئامىلەمنىڭمۇ سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. سىلەردە جېدەلخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن.


قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن.


تېرىككەك جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار، مىجەزى ئىتتىك كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپ بولار.


مىجەزى ئىتتىك ئادەم ئەخمىقانە ئىش قىلار، بەتنىيەت نەپرەتكە قالار.


ئۆچمەنلىكىنى يوشۇرغۇچىنىڭ سۆزى يالغان. ئەخمەقتۇر باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىغان.


ئۆچمەنلىك جېدەل-ماجىرا قوزغار، مېھىر-مۇھەببەت بارلىق گۇناھلارنى ياپار.


ئۇلار يەنە ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈپ، غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ۋالاقتەككۈرلەردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىك، ئۇرۇشقاقلىق، قىزغانچۇقلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، بۆلگۈنچىلىك، گۇرۇھۋازلىق،


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇددى يەھۇدىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۆيلىرىنى خېمىرتۇرۇچتىن خالىي قىلغاندەك، بىزمۇ بۇرۇنقى ھاياتىمىزدىكى خېمىرتۇرۇچنى، يەنى يامانلىق ۋە ئۆچمەنلىكنى تاشلاپ، ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىمىزنى سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقەت ئىچىدە شاد-خۇراملىقتا ئۆتكۈزەيلى.


«زۇۋانى لەنەت ۋە زەردىگە تولغان.»


شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ياغدۇرار، چېقىمچىلىق بولسا غەزەپنى چىرايىغا چىقارار.


ئوخشار غەيۋەت مەززىلىك تاماققا، سىڭىپ كېتەر تەنگە تېزلا.


ئاغزىدىن يالغانچىلىق تۆكۈلىدىغان ساختا گۇۋاھچى، ھەم قېرىنداشلار ئارا ماجىرا چىقارغۇچى.


يەر يۈزىدە روناق تاپمىسۇن چېقىمچىلار، ئوۋچىلارغا ئولجا بولۇپ يوقالسۇن زوراۋانلار.


بەئەينى شەمشەر كەبى ئۆتكۈر ئۇلارنىڭ تىللىرى، خۇددى ئوقيادەك بەتلەكلىك ئۇلارنىڭ زەھەر سۆزلىرى.


ئولتۇرۇۋېلىپ قارا چاپلايسەن تۇغقىنىڭغا، تۆھمەت قىلىسەن بىر قورساق قېرىندىشىڭغا.


باشقىلارغا قارا چاپلىمايدىغانلار، دوستىغا يامانلىق قىلمايدىغانلار، قوشنىسىغا ھاقارەت قىلمايدىغانلار.


يەنە ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا مېنى قارىلاپتۇ. ئەمما پادىشاھ ئالىيلىرى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايلا. شۇڭا ئۆزلىرىگە قانداق قىلىش مۇۋاپىق بولسا، شۇنداق قىلغايلا.


ئاتىلىرىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سەزگەن ئاكىلىرى يۈسۈپكە شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلاتتىكى، ھەتتا ئۇنىڭغا سىلىق گەپمۇ قىلغۇسى كەلمەيتتى.


ئەساۋ ياقۇپقا قارىتا كۆڭلىگە ئۆچمەنلىك پۈكتى. چۈنكى ئاتىسى ياقۇپقا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەنىدى. ئۇ ئىچىدە: «ئاتام ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدى. قارىلىق كۈنىنى تۈگىتىپلا، ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ ئويلىدى.


كېيىن قابىل ئىنىسى ھابىلغا: _ يۈر، دالادا سەيلە قىلىپ كېلەيلى! _ دېدى. ئۇلار دالادىكى ۋاقتىدا، قابىل ئىنىسىغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.


شۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقى، قۇدرىتى، پادىشاھلىقى ۋە ئۇ تەيىنلىگەن مەسىھنىڭ ھوقۇقى نامايان بولدى. چۈنكى، خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا قېرىنداشلىرىمىزنى كېچە-كۈندۈز ئەيىبلىگۈچى ئەرشتىن تاشلىۋېتىلدى.


قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى خۇدانىڭ نەزىرىدە قاتىلدۇر. ھېچقانداق بىر قاتىلنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.


شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارنى ئىخلاسمەنلىكىگە لايىق يۈرۈش-تۇرۇشقا ھەمدە پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. ئۇلار باشقىلارغا نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتسۇن.


ئەخمىقانە ۋە بىھۇدە تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل. چۈنكى، بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن.


شۇنداقلا، ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، خۇش پېئىل، گەپ تالاشمايدىغان، ئۆزىنى مال-دۇنياغا ئۇرمايدىغان كىشى بولۇشى،


شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر تەۋرەپ كەتتى. تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كەلگەن خالايىق پاۋلۇسنى تۇتۇپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ئىبادەتخانىدا قالايمىقانچىلىق چىقمىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى دەرھال تاقىۋەتتى.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاھىل، ئاسىيلاردۇر! ئۇلارنىڭ يۈرىكى تۇچ ياكى تۆمۈرگە ئوخشاش قاتتىق. ئۇلار باشقىلارغا تۆھمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى چىرىكلەشكەن.


ئاقىل ئەخمەق بىلەن دەۋاغا چۈشكىنىدە، تىنچلىق بولماس، ئەخمەق ھۈرپىيىپ قىلار مەسخىرە.


شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاشتۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى. ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەكتۇر ئۇنىڭ شەپقىتى.


ئۇلار: _ پادىشاھلىقىمىزدىكى ئون ئىككى قەبىلىنىڭ ئونى بىز تەرەپتە. شۇڭا بىزنىڭ پادىشاھ داۋۇتتا سىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ھەققىمىز بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر نېمىشقا بىزنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ يەنە كېلىپ، پادىشاھىمىزنى قايتۇرۇپ كېتەيلى دەپ، بىز بىرىنچى بولۇپ ئېيتقان ئەمەسمىدۇق؟ _ دېيىشتى. مۇنازىرە جەريانىدا يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ سۆزلىرى باشقا ئىسرائىللارنىڭكىگە قارىغاندا كەسكىن بولدى.


ئابسالوم ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان سۆزلەرنى قىلىشنى بىلەلمىدى. چۈنكى ئامنون سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى.


قېرىنداشلىرىنىڭ سۇيىقەستىنى ئاڭلىغان رۇبېن يۈسۈپنى قۇتقۇزۇۋالماقچى بولۇپ: _ ئۇنى ئۆلتۈرمەيلى،


ھەممە ئادەم دوست-بۇرادەرلىرىدىن پەخەس بولسۇن. ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ ئىشەنمىسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى ئالداشنىڭ كويىدا ھەمدە دوستلارمۇ ئۆزئارا تۆھمەت قىلىشىدۇ.


يانغىن ئاچچىقىڭدىن، باسقىن غەزىپىڭنى، بىسەرەمجان بولما، بىئاراملىق ئېلىپ كېلەر پەقەت يامانلىقنى.


ئۇنداقتا، خۇددى كونا كىيىمىڭلارنى تاشلىۋەتكەندەك، بۇرۇنقى رەزىل تۇرمۇش ئادەتلىرىڭلارنى كونا تەبىئىتىڭلار بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىڭلار. چۈنكى، ئۇ تەبىئەت سىلەرنى ئازدۇرىدىغان چاكىنا ھەۋەسلەر بىلەن چىرىپ كەتكەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، يالغانچىلىقنى تاشلاپ، بىر-بىرىڭلارغا راست گەپ قىلىڭلار. چۈنكى، ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite