Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ ئېتىقادچىلارغا بەرگەن بىرلىكىنى ساقلاشقا تىرىشىڭلار.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:3
16 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەممىڭلارنى ئىتتىپاقلىشىشقا، بۆلۈنمەسلىككە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىرلىشىشكە ئۈندەيمەن.


كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك ياشاشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى، پاك ياشىمىغان كىشى رەبكە يېقىنلىشالمايدۇ.


ھازىر سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر بېرىمەن. «بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.»


ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، خۇشال-خۇرام بولۇڭلار، ئېتىقادتا يېتىلگەن ئادەم بولۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار. نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىناق ئۆتۈڭلار. مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئامانلىق مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولغاي!


ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتىڭلار بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار.


بىز ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرى، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھمۇ بىر. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بىزنى چاقىرغاندا، بىزگە بەرگەن ئۈمىدمۇ بىردۇر.


بۇ ۋەزىپە تاكى بىزنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلىشتا بىردەك بولۇپ، ئۇنى چوڭقۇر تونۇشىمىز ھەمدە ئېتىقاد جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش بولۇشىمىزغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.


پەرىجىگە ئويما ياقا ئېچىلىپ، يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ياقىنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز تۇتۇلسۇن.


شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىسرائىلىيەدىكى خەلق ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. خەلقنىڭ يېرىمى گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگىشىپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلماقچى بولدى. قالغان يېرىمى ئومرىغا ئەگەشتى.


بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز بولسا، ئۇ دۈشمىنىگە بوزەك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئىككى ئادەم بىرگە بولسا، دۈشمىنىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۈچ ئۆرۈمدىن ئۆرۈلگەن ئارغامچىنى ئۈزمەك قىيىندۇر.


ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite