26 ئەگەر ئاچچىقلانساڭلار، ئاچچىقىڭلار سىلەرنى گۇناھقا باشلىمىسۇن. ئاچچىقىڭلاردىن قايتماي، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن.
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن.
خۇدادىن قورقۇڭلار، گۇناھ قىلماڭلار! جىمجىت يېتىپ ئورنۇڭلاردا، بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىڭلار! سېلاھ
يانغىن ئاچچىقىڭدىن، باسقىن غەزىپىڭنى، بىسەرەمجان بولما، بىئاراملىق ئېلىپ كېلەر پەقەت يامانلىقنى.
ئاسان ئاچچىقلانما، چۈنكى ئاچچىقلىنىش ئەخمەقنىڭ قەلبىدە ماكان قۇرىدۇ.
ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە ئېغىر-بېسىق كىشى، ئاشكارىلار ئەخمەقلىقىنى چېچىلغاق كىشى.
ئەقىل-ئىدراكلىق كىشى ئاچچىقلانماس ئاسانلىقچە، باشقىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈشى شۆھرەت كەلتۈرەر ئۆزىگە.
لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قېرىنداشلىرىغا غەزەپلەنگەنلەرمۇ سوتقا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغانلار ئالىي كېڭەشمىدە جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەنلەر ئوتلۇق دوزاخقا چۈشىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات! - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى.
_ ھارۇننىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئۇ، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرەلمەيدۇ. چۈنكى ھەر ئىككىڭلار «مىرىبا سۈيى»دە مېنىڭ ئەمرىمگە قارشى چىقتىڭلار.
بۇنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا خاپا بولۇپ، شاگىرتلىرىغا: - بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر.
شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ياغدۇرار، چېقىمچىلىق بولسا غەزەپنى چىرايىغا چىقارار.
ئاخىردا ئەمەلدارلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ ماڭا ئېگىلىدۇ ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا شۇ چاغدا مەن بۇ يەردىن ئايرىلىمەن. مۇسا سۆزىنى تۈگىتىپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدىن دەرغەزەپ بىلەن چىقىپ كەتتى.
ھەر كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ شۇ كۈنلۈك ئىش ھەققىنى بېرىڭلار. چۈنكى ئۇلار نامرات بولۇپ، ھەر كۈنلۈك ئىش ھەققىگە تايىنىپ جان ساقلايدۇ. ئەگەر بەرمىسەڭلار، ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە قىلىدۇ، سىلەر گۇناھقا قالىسىلەر.
چۈنكى، غەزەپلەنسەڭلار، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھەققانىي ئىشلارنى قىلالمايسىلەر.
يوناتان قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، داستىخاندىن ئىرغىپ تۇرۇپ، كېتىپ قالدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى ھاقارەتلىگەنلىكىدىن كۆڭلى غەش بولدى. ئۇ يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى بىر كۈن غىزا يېمىدى.