Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنى خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيىلەشتىن ئىبارەت.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4:12
45 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى زىچ ماسلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ جارى قىلىشقا تېگىشلىك روللىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندا، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.


دېمەك، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنى تەشكىل قىلغانسىلەر. ھەربىرىڭلار بۇ تەننىڭ ئوخشىمىغان ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىسىلەر.


قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنىڭ ياخشىلىققا تولغانلىقىغا ۋە ئۆزۈڭلارغا كېرەكلىك بىلىمگە تولۇق ئىگە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا نەسىھەت بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا قايىلمەن.


قېرىنداشلار، مەن خۇلاسە قىلاي، سىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، بەزىلىرىڭلار مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار تەلىم بېرىسىلەر، بەزىلىرىڭلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىسىلەر، بەزىلىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەيسىلەر، باشقىلار بولسا بۇ تىلنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەممە ئىش جامائەتچىلىكنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسۇن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ئىشلارغا ئاتايلى.


ماڭا كۈچ-قۇدرەت بەرگەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئۇ مېنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، ئۆز خىزمىتىگە تەيىنلىدى.


شۇڭا، سىلەر مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولۇشقا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلگەنىكەنسىلەر، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىقادتا يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان قابىلىيەتلەرنى ئىگىلەشكە تېخىمۇ كۆپ ئىنتىلىڭلار.


يېتەكچىلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. چۈنكى، ئۇلار ئۆز خىزمىتىدىن خۇداغا ھېساب بەرگەچكە، ھەمىشە سىلەرگە ئاگاھ بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ غەم-ئەندىشە بىلەن ئەمەس، خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان يامانلىقلاردىن يېنىش، خۇداغا ئىشىنىش، چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش، باشقىلارغا قول تەگكۈزۈپ دۇئا قىلىش، تىرىلدۈرۈلۈش ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم قاتارلىق تەلىملەرگە قايتا ئاساس سالىمىز، دەپ ئولتۇرمايلى. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خىل باشلانغۇچ تەلىملەردە توختاپ قالماي، يېتىلىشكە قاراپ ماڭايلى.


باشقىلارنىڭ ئېتىقادىغا توسالغۇ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەلچىلىك خىزمىتىمىزگە داغ كەلتۈرمەيۋاتمىز.


بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدادىندۇر. خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا بىزگە كىشىلەرنى ئۆزى بىلەن يارىشىشقا چاقىرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى.


لېكىن، ماڭا بولغان ئېتىقادىڭ يوقالمىسۇن دەپ، ساڭا دۇئا قىلدىم. شەيتانغا سىنىلىپ، يولۇمغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملە.


لېكىن، سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزۈڭنى سەگەك تۇت. ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار تۇر. ھەر ۋاقىت خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىدە بولۇپ، خۇدا ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىل.


ئاركىپۇسقا شۇنى ئېيتىڭلاركى، خۇدا ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى چوقۇم ئادا قىلسۇن.


شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە، شۇنداقلا خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ تەلىم بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن ھالدا خۇدانىڭ ئالدىغا بېرىشى ئۈچۈندۇر.


مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن.


ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى بولۇپ، بۇ تەن ئۇ تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇقلىغۇچىسىدۇر.


ياكى سىلەر بىزنى «ئالدىمىزدا ئەزەلدىن بېرى ئۆزىنى ئاقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ بىز ئۇنداق قىلمىدۇق. بىز پەقەت ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان كىشىلەر سۈپىتىدە خۇدا ئالدىدا سۆزلەۋاتىمىز. سۆيۈملۈك قېرىنداشلار، بىز قىلىۋاتقان ھەممە ئىش سىلەرنىڭ ئېتىقادتا يېتىشىشىڭلار ئۈچۈندۇر.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز، تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى. خۇدادىن ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتايلى.


خۇدا رەھىم-شەپقىتى بىلەن بۇ خىزمەتنى بىزگە بەرگەنىكەن، جاسارىتىمىزنى يوقاتمايمىز.


بۇ قانۇننىڭ چۈشۈرۈلۈشى شۇنداق ئۇلۇغ بولغان يەردە، مۇقەددەس روھنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟


چۈنكى، بىر كىشى ئۇنداق تىلدا دۇئا قىلسا، ئۇنىڭ روھى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇداغا دۇئا قىلغان بولىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۆز ئەقىل-ئىدراكى بىلەن بۇ دۇئانى چۈشىنەلمەيدۇ.


ماڭا مەلۇمكى، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئەيسا مەسىھ مەن ئارقىلىق سىلەرگە مول بەخت ئاتا قىلىدۇ.


ھەربىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىشىمىز كېرەك.


خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى باشقىلارغا خىزمەت قىلىش بولسا، خىزمەت قىلىڭلار؛ خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بېرىڭلار؛


ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان!


لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.


بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.


ئۇ چاغدا، يەھۇدىيە، جەلىلىيە ۋە سامارىيىلەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىر مەزگىل تىنچلىققا ئېرىشتى. مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېتىقادى كۈچىيىپ، ھەمىشە ئىخلاسمەنلىك بىلەن خۇدا يولىدا ماڭدى. ئۇلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى.


يەھۇدامۇ بىزدەك بىر ئەلچى بولۇپ، بىز بىلەن بىللە خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغانىدى.


يېنىمدا يالغۇز لۇقا قالدى. ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كەل. ئۇ خىزمەتلىرىمدە ماڭا ياردەمچى بولىدۇ.


ئاغزىڭلاردىن ھەرگىز يامان سۆزلەر چىقمىسۇن. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا پايدىلىق بولسۇن دەپ، مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى قىلىڭلار.


بىز ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرى، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھمۇ بىر. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بىزنى چاقىرغاندا، بىزگە بەرگەن ئۈمىدمۇ بىردۇر.


ئېتىقادىڭلار كۈچىيىپ، سىلەرنى ئەيىبلەشكە «ئاجىز» كۆرۈنسەم، خۇشال بولاتتىم. بىز شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەر ھەممە ئىشتا تولۇق يېتىلگەيسىلەر.


پۈتۈن جامائەتچىلىكنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇقەددەس روھ ھەربىرىمىزگە ئالاھىدە قابىلىيەت ئاتا قىلىدۇ.


شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئېتىقادچىلار كۆپ بولساقمۇ، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەممىمىز بىر تەن بولۇپ، بىر-بىرىمىزگە باغلىنىپ تۇرىمىز


ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، خۇشال-خۇرام بولۇڭلار، ئېتىقادتا يېتىلگەن ئادەم بولۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار. نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىناق ئۆتۈڭلار. مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئامانلىق مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولغاي!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite