10 يەرگە چۈشكەنمۇ ئۇ، ئەرشكە چىققانمۇ ئۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى پۈتكۈل كائىناتقا ئورنىتىشتۇر.
ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.
خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ ئەرشكە چىقىپ كەتكەن ئۇلۇغ باش روھانىيىمىز بولغاچقا، ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى.
خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل تەبىئىتى بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەن ئەيسا مەسىھتىدۇر.
خۇدا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇكەممەل تەبىئىتىنىڭ ئۇنىڭدا بولۇشىدىن سۆيۈندى
شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مانا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتمەيدۇ.
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بىر پارچە بۇلۇتنىڭ ئورىۋېلىشى بىلەن، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى.
ئېيتقانلىرىمنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى شۇكى: ئەرشتىكى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرىدىغان بىر باش روھانىيىمىز بار.
مانا بۇ خۇدانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلىدىغانلىقى توغرىسىدا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر.
خۇدا ئۇنى تىرىلدۈرۈپ ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى چوڭ شان-شەرەپكە ئىگە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. ھەزرىتى ئەيسا خۇدائاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى ئۇنىڭدىن ئالدى ۋە ھازىر كۆرۈۋاتقان، ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلاردەك، بۇ روھنى بىزلەرگە چۈشۈردى.
- ئەي جەلىلىيىلىكلەر، نېمىشقا بۇ يەردە ئاسمانغا قاراپ تۇرىسىلەر؟! ھەزرىتى ئەيسا ئەرشكە چىقىپ كەتتى. بىراق، ئۇ قانداق كۆتۈرۈلگەن بولسا، كەلگۈسىدە يەنە شۇنداق قايتىپ كېلىدۇ، - دېدى.
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇنمايدۇ» ۋە «ئۇلار ئۆزلىرى نەيزە سانجىغان ئادەمگە قارىشىپ قالىدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغانلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
ھەزرىتى ئەيسا ھەممە ئىشلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدى. ئاندىن: - ئۇسسىدىم! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر بىر-بىرىگە: - بۇنى يىرتماي، چەك تارتىشايلى، كىمگە چىقسا شۇ ئالسۇن، - دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. «تونۇمنى بۆلۈشتى ئۇلار، كۆڭلىكىم ئۈچۈن تارتىشتى چەكلەر.» دەرۋەقە، لەشكەرلەر شۇنداق قىلىشتى.
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى چەكسىز بولغاچقا، ھەممىمىز ھەر دائىم بەخت ئۈستىگە بەختكە ئېرىشىپ كەلدۇق.
ئاندىن، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىلگىرى سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا ئېيتقانىدىم. مەن: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا بايان قىلىنغان ماڭا دائىر ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟
ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بىر ئادەمنى تونۇيمەن. ئۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى ئەرشىئەلاغا كۆتۈرۈلدى. ئۇ كۆتۈرۈلگەندە، تېنى كۆتۈرۈلدىمۇ ياكى روھى كۆتۈرۈلدىمۇ بىلمەيمەن، بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.