Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14-15 خۇدانىڭ ئۇشبۇ پىلانىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم، ئەرشتىكى ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدائاتىمىزغا تىزلىنىپ دۇئا قىلىمەنكى،

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3:14
16 Referans Kwoze  

سەجدە قىلايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا، ياراتقۇچىمىز ئۇ بىزنىڭ تىز پۈكەيلى ئۇنىڭغا.


شۇڭا، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇدات ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ،


بىراق، بىز ئۇ يەردە بىر ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن، سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئېتىقادچىلار ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئۇزىتىپ چىقتى. ھەممەيلەن دېڭىز بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىللە دۇئا قىلدۇق.


خۇداغا، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە ئەرشتىكى بارلىق روھىي بەختنى ئاتا قىلدى.


دانىيال بۇ پەرماننىڭ چۈشكىنىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر بالىخانا بار ئىدى. بالىخانىنىڭ دېرىزىسى يېرۇسالېم تەرەپكە قاراپ ئېچىلغانىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا دۇئا قىلىپ، دۇئا قىلدى.


كەچلىك قۇربانلىق سۇنىدىغان چاغدا، مەن قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە تون ۋە چاپىنىم يىرتىق ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاندىن تىزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىمنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا كۆتۈردۈم ۋە


مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتۇر. مېنىڭ سۆزلىرىم ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تىزلىنىدۇ، ھەربىر ئىنسان ماڭا سادىق بولىدىغانغا قەسەم ئىچىدۇ.


پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى.


ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ:


مەن ئىسرائىللاردىن بۇت بائالغا تىز پۈكمىگەن ۋە ئۇنى سۆيمىگەن يەتتە مىڭ كىشىنى قالدۇرىمەن، _ دېدى.


پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدا تىزلىنىپ، ئىككى قولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلەپ، يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى:


پېترۇس ھەممەيلەننى چىقىرىۋېتىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، جەسەتكە قاراپ: - تابىتا، ئورنۇڭدىن تۇر! - دېدى. تابىتا كۆزىنى ئېچىپ، پېترۇسنى كۆرۈپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇردى.


كېيىن، ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: - ئى رەببىم، بۇ گۇناھنى دەپ ئۇلارنى جازالىمىغايسەن، - دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite