Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 شۇڭلاشقا، مەنكى پاۋلۇس ھەر دائىم سىلەرگە دۇئا قىلماقتىمەن. مەن سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولدۇم.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3:1
30 Referans Kwoze  

مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن.


شۇ سەۋەبلەردىن، رەببىمىزگە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەن سىلەردىن خۇدانىڭ چاقىرىقىغا مۇناسىپ ياشىشىڭلارنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن.


شۇڭا، رەببىمىز ھەققىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىللە ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشكە تەييار تۇر.


مەن بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىش سەۋەبىدىن كىشەنلەنگەن ئەلچىمەن. مېنىڭ خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن دۇئا قىلغايسىلەر. چۈنكى، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمدۇر.


لېكىن، يەنىلا سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە كۆرە ئىلتىماس قىلىشنى تاللىۋالدىم. بۇ ئىلتىماسنى مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغان ھەم ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا ھازىر مەھبۇس بولۇۋاتقان مەنكى پاۋلۇستىن دەپ بىلگىن.


مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىم. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەرنى قوغداپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار.


ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەنكى پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن قەدىرلىك خىزمەتدىشىمىز بولغان سەن فىلىمۇنغا


يۈزبېشى بۇ ياشنى قومانداننىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ: - مەھبۇس پاۋلۇس مېنى چاقىرتىپ، بۇ ياشنى سىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى، ئۇنىڭ سىزگە مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، - دېدى.


بىراق بۇ ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، سىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرايسىلەر. كىشىلەر سىلەرنى ئىبادەتخانىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ۋالىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ.


ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن بىلەن بىللە مەھبۇس بولغان ئېپافىرا،


پاۋلۇس: - مەيلى بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ۋە بۈگۈن مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماڭا ئوخشاش ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. پەقەتلا ماڭا ئوخشاش، زەنجىردە بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن! - دېدى.


رەببىمىز ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت قىلغاي. چۈنكى، ئۇ كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ، كۆڭلۈمنى كۆتۈردى. ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن نومۇس قىلمىدى.


مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالامنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن. مېنىڭ پۇت-قوللىرىمنىڭ كىشەنلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭلار. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!


بىز ئۈچۈن يەنە شۇنداق دۇئا قىلىڭلاركى، خۇدا ئۆز خەۋىرىنى يەتكۈزۈشىمىزگە يول ئېچىپ بەرسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى ئاشكارىلىغان سىرنى جاكارلىيالايمىز. مەن ھازىر دەل مۇشۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن كىشەنلەندىم.


ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ ئەقىلدىن ئازغانلاردەك ئېيتسام، مەن ئۇلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى تۇرىدىغان بىر خىزمەتكارى. مەن تېخىمۇ جاپالىق ئىشلىدىم، زىنداندا تېخىمۇ كۆپ ياتتىم. كۈرمىڭ قېتىم قامچا يېدىم، قايتا-قايتا ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم.


سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا مۇئامىلىسى يۇمشاق، لېكىن بىللە بولمىغاندا سىلەرگە قارىتا قاتتىق قول دەپ قارالغان مەنكى پاۋلۇس ئەيسا مەسىھتەك مۇلايىملىق ۋە رەھىمدىللىك بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ تەلەپ قىلىمەنكى،


قوماندان ئالدىغا ئۆتۈپ، لەشكەرلەرنى پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاشقا بۇيرۇدى. كېيىن، ئۇ: - بۇ ئادەم كىم؟ ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ - دەپ سورىدى.


كەلگۈسىدە چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. بىلىپ قويغىنكى، شەيتان ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى يېقىندا زىندانغا تاشلىتىپ سىنىماقچى. سىلەر ئون كۈنگىچە قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە ماڭا سادىق بول. شۇ چاغدا، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.


شۇڭا، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمدىن روھسىزلىنىپ كەتمەي، ئەكسىچە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى


قېرىنداشلار، ئەگەر مەن ئۇلار ئېيتقاندەك «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ داۋاملىق تەلىم بېرىپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈندە يەنە نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، ئۇ چاغدا «قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىدىنلا كېلىدۇ» دېمىگەن بولاتتىم ھەم ئۇلارنىڭ غەزىپىنىمۇ قوزغىمىغان بولاتتىم.


مەنكى پاۋلۇس شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر ھەققانىيلىقنى ئىزدەپ تۇرۇپ، يەنىلا خەتنىگە تايانساڭلار، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ.


رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا: - بارىۋەر! مەن بۇ ئادەمنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا ھەم ئىسرائىللارغا مېنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈم تاللىدىم.


بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز سىلەرنىڭ تەسەللى تېپىشىڭلار ۋە قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. بىزنىڭ تەسەللى تېپىشىمىز سىلەرنىڭمۇ تەسەللى تېپىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بۇ تەسەللى ئارقىلىق، سىلەر بىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندەك ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەندە، سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر.


ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق يامان ھەۋەسلەرنى كرېستكە مىخلىغان بولىدۇ.


مەن خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرى بولساممۇ، خۇدا ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ۋە ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھەقىقىي بايلىقنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاللىدى.


بۇ، خۇدانىڭ دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرى پىلانلىغان ۋە ھازىر رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىرادىسىگە ئۇيغۇندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite