Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 2:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىز رەببىمىزگە بېغىشلانغان مۇقەددەس ئىبادەتخانا بولۇش ئۈچۈن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆسمەكتىمىز.

Gade chapit la Kopi




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 2:21
12 Referans Kwoze  

بىز ئىككىمىز خۇدا ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلار. سىلەر بولساڭلار گويا بىز ئىشلەۋاتقان، خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىزغا ئوخشايسىلەر. شۇنداقلا، سىلەر يەنە بىز ئارقىلىق سېلىنىۋاتقان خۇدانىڭ ئىمارىتىگە ئوخشايسىلەر.


خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن بۇتلار ئارىسىدا قانداقمۇ بىرلىك بولسۇن!؟ بىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «خەلقىم ئىچىدە تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن. ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.»


ئىبادەتخانا ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان تاشلار تاش قېزىش مەيدانىدا ئالدىن تەييارلىناتتى. شۇڭا ئىبادەتخانىنى سالغان چاغدا، ئىبادەتخانىدا بولقا، ئىسكىنە قاتارلىق ھەرقانداق بىر تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايتتى.


خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى جەنۇبقا قارايتتى، ئىمارەتكە ئىمارەت بىلەن تامنىڭ ئارىلىقىدىكى يولنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئېغىز ئارقىلىق كىرگىلى بولاتتى.


ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەستۇر پەرزلىرىڭ، ئۆيۈڭگە زىننەتتۇر مەڭگۈلۈك مۇقەددەسلىكىڭ.


ئۇلارنىڭ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئېتىقادچىلار ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشى ۋە پەرۋىشىدە خۇددى بەدەندىكى بوغۇم ۋە پەيلەر ئۆزئارا چىڭ تۇتاشقاندەك، ئۆزئارا بىرلىشىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.


ئەگەر مەن يېنىڭغا ۋاقتىدا بارالمىسام، بۇ خېتىم ساڭا خۇدانىڭ ئائىلىسى ئىچىدە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئائىلە بولسا مەڭگۈ ھايات خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدۇر. بۇ جامائەتچىلىك ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئاساسىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite