ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 2:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى19 شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەر ئەمدى يات ۋە ياقا يۇرتلۇقلاردىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىرگە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ئەھلىلىرىدىن، شۇنداقلا خۇدا ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بولدۇڭلار. Gade chapit la |
قاراڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىز بىزگە نەقەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن-ھە! ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى شۇنچىلىك چوڭقۇركى، ئۇ بىزنى «پەرزەنتلىرىم» دەپ ئاتىدى. ھەقىقەتەنمۇ بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز. بىراق، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇمىغانلىقتىن، بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزنىمۇ تونۇپ يېتەلمەيدۇ.
بۇ سىر يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ بۇ خۇش خەۋەرگە ئىشىنىش ئارقىلىق يەھۇدىيلار بىلەن بىللە خۇدا ئاتا قىلىدىغان ھەقىقىي بايلىققا مىراسخور بولۇشىنى، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن بىرلىكتە بىر تەننىڭ ئەزالىرى بولۇپ، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بەرگەن قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.