18 دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەممەيلەن قەلبىمىزدىكى ئوخشاش بىر مۇقەددەس روھقا تايىنىپ خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىغا بارالايمىز.
بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىقىمىزدىن يۈرىكىمىز توق ھالدا ئىشەنچ بىلەن خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز.
چۈنكى، يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ھەممىمىز ئوخشاش مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن چۆمۈلدۈرۈلۈپ، بىر تەننىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مۇقەددەس روھتىن بەھرىمەن بولدۇق.
ئېتىقادىمىز بولغاچقا، ئەيسا مەسىھ بىزنى بىز ھازىر بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ مېھىر-شەپقەتكە ئىگە قىلدى. شۇڭا، بىز خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈمىدىدە شاد-خۇرام بولماقتىمىز.
بىز ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرى، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھمۇ بىر. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بىزنى چاقىرغاندا، بىزگە بەرگەن ئۈمىدمۇ بىردۇر.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.
ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ.
شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، قويلار كىرىدىغان ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن.
خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىسىلەر. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى يورۇقلۇقتا ياشاۋاتقان بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ مىراسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا لايىق قىلدى.
سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ روھىنى قەلبىڭلارغا سالدى. بۇ روھ سىلەرنى خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا» دەپ چاقىرتىدۇ.
ئەمدى سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھ سىلەرنى قۇل قىلىپ، قۇل خوجايىنىدىن قورققاندەك قورقۇنچقا سالمايدۇ. ئەكسىچە، سىلەر بۇ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئەتىۋارلاپ بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى بولۇپ، خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا!» دەپ چاقىرالايدىغان بولدۇڭلار.
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى.
ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار. شۇنداقلا، سەگەك تۇرۇپ، بارلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار.
بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا يېگانە خۇدا، يەنى ئەرشتىكى خۇدائاتىمىزلا باردۇر. ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئۈچۈن يېگانە بىر رەب، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇتتۇر. بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئىگە بولدۇق.
چۈنكى، تەۋرات قانۇنى ھېچ كىشىنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدىغان تېخىمۇ ياخشى ئۈمىد بېرىلدى.
خۇدانىڭ ئۇشبۇ پىلانىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم، ئەرشتىكى ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدائاتىمىزغا تىزلىنىپ دۇئا قىلىمەنكى،
مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.
لېكىن سىلەر، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ئىنتايىن مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ ئۇلى ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈڭلار ۋە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ دۇئا قىلىڭلار.
سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغان.
سىلەر كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان خۇدانى «ئاتا» دېگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەتلەش بىلەن ئۆتكۈزۈڭلار.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ،
بىز تىلىمىز بىلەن خۇدائاتىمىزنى مەدھىيىلەيمىز، يەنە شۇ تىلىمىز بىلەن خۇدا ئۆز ئوبرازىغا ئوخشاش قىلىپ ياراتقان ئىنسانلارنى قارغايمىز.