23 ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى بولۇپ، بۇ تەن ئۇ تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇقلىغۇچىسىدۇر.
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى چەكسىز بولغاچقا، ھەممىمىز ھەر دائىم بەخت ئۈستىگە بەختكە ئېرىشىپ كەلدۇق.
ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنى خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيىلەشتىن ئىبارەت.
يەرگە چۈشكەنمۇ ئۇ، ئەرشكە چىققانمۇ ئۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى پۈتكۈل كائىناتقا ئورنىتىشتۇر.
پۈتكۈل مەۋجۇدات ئەيسا مەسىھكە تىز پۈككەندە، خۇدانىڭ ئوغلى، يەنى ئەيسا مەسىھمۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزىگە تىز پۈكتۈرۈپ بەرگەن خۇداغا تىز پۈكىدۇ. شۇ چاغدا، خۇدا ھەممىسىگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن باشقۇرغۇچى بولىدۇ.
مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن.
ئەيسا مەسىھ ئاتا قىلغان تىنچ-ئامانلىق قەلبىڭلارنى باشقۇرسۇن. چۈنكى، سىلەر بىر تەننىڭ ئەزالىرى بولۇپ، بۇ ئىناقلىق ئىچىدە ياشاشقا چاقىرىلدىڭلار. ھەمىشە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.
بۇ يېڭى ھاياتتا بىزنىڭ يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس، خەتنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغان، مەدەنىيەتسىز ھەتتا ياۋايى، قۇل ياكى ھۆر بولۇشىمىز مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئەيسا مەسىھتۇر. ئۇ بولسا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر.
ئۇ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇش ئارقىلىق بىر تەن قىلىپ بىرلەشتۈرۈلگەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى دۈشمەنلىكنى يوقىتىپ، ئۇلارنى خۇدا بىلەن ياراشتۇردى.
خۇدانىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا قىلىۋاتقان ئىشلىرى خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بىز ئارقىلىق ئۇلارنى قىلىۋاتقان خۇدا بىردۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنۇش كېرەك. بۇ، پەقەت جازالىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدا ئالدىدىمۇ ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈندۇر.
بىز ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرى، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھمۇ بىر. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بىزنى چاقىرغاندا، بىزگە بەرگەن ئۈمىدمۇ بىردۇر.
خۇدانىڭ مەقسىتى، بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەردىن شەكىللەنگەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارقىلىق كۆپ تەرەپلىك دانالىقىنى ئاسماندىكى ھۆكۈمران ۋە ھوقۇقدار بولغان پەرىشتىلەرگە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.
بۇ ۋەزىپە تاكى بىزنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلىشتا بىردەك بولۇپ، ئۇنى چوڭقۇر تونۇشىمىز ھەمدە ئېتىقاد جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش بولۇشىمىزغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئېتىقادچىلار ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشى ۋە پەرۋىشىدە خۇددى بەدەندىكى بوغۇم ۋە پەيلەر ئۆزئارا چىڭ تۇتاشقاندەك، ئۆزئارا بىرلىشىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.