ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 مەن شۇنداق دۇئا قىلىمەنكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدائاتىسى، يەنى شانۇشەۋكەتلىك خۇدائاتىمىز مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سىلەرگە دانالىق ۋە چوڭقۇر چۈشەنچە ئاتا قىلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ تونۇتقاي! Gade chapit la |
كىشىلەرنىڭ ئەمدى قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ‹پەرۋەردىگارنى بىلىۋېلىڭلار› دەپ تەلىم بېرىشى ھاجەتسىز. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇلار مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى مېنى تونۇيدۇ! مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى كۆڭلۈمدە قايتا ساقلىمايمەن.»
ماختىنىشقا توغرا كەلسە، مەن پەرۋەردىگارنى تونۇغانلىقى ۋە مېنى چۈشىنىدىغانلىقى بىلەن ماختانسۇن. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىم بىلەن ماختانسۇن. مەن ھەم ئاشۇنداق ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەردىن خۇرسەن بولىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»